ئەلجەزىرە تورى 16-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمسى: بىرازىلىيەنىڭ بىر قانچە ۋىلايىتىدە كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغان 100 مىڭلارچە كىشى، دۆلەت پرېزىدېنتى دىلما روسىفنىڭ يولسۇزلۇق جىنايىتى سەۋەبىدىن سوتقا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
بىرازىلىيەدە ئۆكتىچى پارتىيەلەر، 2014-يىلى 26-ئۆكتەبىردە ئىككىنجى قېتىم پرېزىدېنتلىققا سايلانغان روسىفنى، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ نىفىت شىركىتى «پېتروبراس» نىڭ باشلىقى ۋاقتىدا يولسۇزلۇق قىلىش ۋە پارىخورلۇق قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەۋاتىدۇ.
نامايىش ھەرىكتى ئەڭ زور يۈز بەرگەن جاي بولسا ساۋ پاۋۇل رايۇنى ئىدى. بۇ يەردىكى نامايىشلارغا ساقچىلارنىڭ دەلىللىشىچە تەخمىنەن 1 مىليون كىشى قاتناشتى.
پايتەخىت برازىلىيە، بىلو ھورىزونت ۋە رىيۇ دى جانىرو قاتارلىق رايۇنلاردا 10 مىڭلارچە كىشى كوچىلارغا چىقىپ پرېزىدېنت روسسىفنىڭ سوتقا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
نامايىشچىلار يولسۇزلۇق داۋاسىدىن باشقا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇشى ۋە ھازىرقى ۋەزىيتدىن ھەم نارازىلىقىنى تىلغا ئالدى. برازلىيەدىن باشقا نامايىش يۈز بەرگەن رايۇنلار ئىچىدە لوندون، لىزبون، مىيامى، نىيۇ يورك ۋە سىدنىي قاتارلىقلار بار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved