كۆپلىگەن كىشى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يېتىپ تۇرۇپ يانفون ئويناشقا ئادەتلەنگەن، ناۋادا ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ خىل ئادەتنى يېتىلدۈرسە، ئۇنداقتا بۇ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا شۇ جايدىكى بىر مەكتەپنىڭ 16 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان 48 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەكشۈرگەن، نەتىجىدە %90 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يېرىم سائەت يانفون ئويناشقا ئادەتلەنگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يانفون ئوينىمايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
ئالىملار: ئوقۇغۇچىلار ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يانفون ئوينىسا، چوڭ مېڭىسى كۈچلۈك غىدىقلىنىپ ئۇيقۇسى ناچارلىشىدۇ، بۇ خىل ئادەت ئۇزاق داۋاملاشسا، چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى بارغانچە تۆۋەنلەيدۇ، دەپ قارىغان.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved