قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى

 قەشقەر ۋىلايىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئالدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرىدىغان، قۇرۇلمىنى تەڭشەيدىغان بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ تەكشى يۈرۈشۈشى ۋە مۇقىم ئاساستا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشكە پۇختا ئاساس سالدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلەر، تارماقلار ۋە ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى مۇقىم ئاشۇرۇش» نى، يەنى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ مۇقىم ئاشۇرۇش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ مۇقىم ئاشۇرۇش، مۇھىتنى ياخشىلاپ مۇقىم ئاشۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەپ ئەمەلگە ئاشۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، قەشقەر ۋىلايىتى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 32 مىليارد 40 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.42 ئاشۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە 1 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 7 مىليارد 640 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %4.7 ئاشقان، 2 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 9 مىليارد 260 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %14.64 ئاشقان، 3 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 15 مىليارد 150 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %13.1 ئاشقان.

  بۇ يىل 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، قەشقەر ۋىلايىتى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 396نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 13 مىليارد 730 مىليون يۈەننى نەقلەشتۈردى. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك مەبلىغى 33 مىليارد 814 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %21.2 ئاشتى. 1 - كەسىپ سېلىنمىسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، سېلىنما كۆلىمى ۋە چوڭ تۈرلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى، ئىجتىمائىي مەبلەغنىڭ 1 - كەسىپكە سېلىنىدىغان سېلىنما تۈرى كۆپىيىپ، 1 - كەسىپ دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ 2 - كەسىپ سېلىنمىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەدرىجىي زورايدى؛ 3 - كەسىپ سېلىنمىسى تېز سۈرئەتتە ئاشتى.

  2015 - يىلى قەشقەر ۋىلايىتى 155 نۇقتىلىق تۈرنى بېكىتىپ، 35 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا 79 تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، بۇنىڭغا 14 مىليارد 749 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بۇ، پۈتكۈل ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ %43.62 ىنى ئىگىلىدى.

  قەشقەر ۋىلايىتى مۇقىم ئاشۇرۇش جەريانىدا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ بىرلىشىش نۇقتىسى، ئېشىش نۇقتىسى ۋە ساھە مەركىزىي ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى بەلبېغى ئەتراپىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، 11 - نۆۋەتلىك «شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسى»دىن تولۇق پايدىلاندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋىلايەت بويىچە ئىمپورت - ئېكسپورت كەسپى كارخانىسى 113 كە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 28ى كۆپەيدى؛ تۆت كارخانا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى 10 مىليون دولللاردىن ئاشۇردى؛ يېڭىدىن كۆپىيىپ تىزىمغا ئالدۇرغان تاشقى سودا كارخانىسى 122گە يېتىپ، شۇ جايدىكى كارخانىنىڭ «سىرتقا چىقىرىشى» غا ياخشى ئاساس سالدى.



11-08-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek