گېرمانىيە تاراتقۇسى گېرمانىيە ماشىنا كەسپى ئېلىكتىر ماتورلۇق ماشىنا ساھەسىدە بارغانسىرى ئېقىمغا يېتىشەلمەي قالدى دەپ خەۋەر قىلدى. گېرمانىيەنىڭ ماشىنا باشقۇرۇش مەركىزى بۇ ساھەدىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسىسى سىتېفان تەتقىقات دوكىلاتىدا: «گېرمانىيە نۆۋەتتە ئېلىكتىر ماتورلۇق ماشىنا ساھەسىدە مۇھىم بازار ئەمەس، ھەم مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئورنىمۇ ئەمەس.» دەپ ئىپادە بىلدۈردى، تەتقىقات دوكىلاتىدا، جۇڭگو ئاللىقاچان ئېلىكتىر ماتورلۇق ماشىنا ساھەسىدىكى مۇھىم بازارغا ئايلاندى، ھەتتا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى دېدى.
گېرمانىيە N-TV تېلۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ 29-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ماشىنا مۇتەخەسىسى گېرمانىيەنىڭ ماشىنا كەسپىنىڭ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بېكىتكەن نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرىشى تەس، يەنى گېرمانىيەنىڭ 2020-يىلى يەرشارى ئېلىكتىر ماتورلۇق ماشىنىنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ۋە مۇھىم بازىرىغا ئايلىنىشى تەس. بۇندىن سىرت، شۇ ۋاقىتتا گېرمانىيەنىڭ يولىدا ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىلىيون دانە ئېلىكتىر ماتورلۇق ماشىنا بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئېلىكتىر ماتورلۇق ماشىنىنى بۈگۈكى كۈندە گېرمانىيەنىڭ يولىدا ئۇچرىتىش قىيىنكەن.
سىتېفاننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل 9-ئايغىچە، ئېلىكتىر ماتورلۇق ماشىنىدىن گېرمانىيەدە ئاران 15 مىڭ دانە سېتىلغان. گەرچە سېتىش مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 تىن يۇقىرى ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇ دۆلەتنىڭ ماشىنا بازىرىدا پەقەت %0.63 نى ئىگەللەيدىكەن. ئۇ ئېلىكتىر ماتورلۇق ماشىنىنىڭ بۇ يىل جۇڭگودىكى سېتىش مىقدارى ئاللىقاچان 100 مىڭغا يەتتى، جۇڭگو بازىرى ساتقان ئېلىكتىر ماتورلۇق ماشىنا ئامېرىكا بازىرىدىن ئېشىپ كەتتى دېدى.
تەتقىقات دوكىلاتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل يەرشارىدا 335 مىڭ ئېلىكتىر ماتورلۇق ماشىنا سېتىلغان، ئەمما يەرشارى ماشىنا بازىرىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى يەنىلا ئاران %0.65 ئىكەن. ئەڭ بازارلىق ئېلىكتىر ماتورلۇق ماشىنىنى گېرمانىيە ياسىمىغان، ئەكىسچە نىسسان LEAF ۋە تېسلا S تىپلىق ماشىنا.
سىتېفاننىڭ تەكشۈرىشىگە ئاساسلانغاندا، ئېلىكتىر ماتورلۇق ماشىنىنىڭ سېتىش مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغان ياساش شىركىتى بولسا نىسسان، ئارقىسىدىكى بولسا جۇڭگونىڭ بىيادى، ئامېرىكىنىڭ تېسلا ۋە ياپونىيەنىڭ مىتسۇبىشى، گېرمانىيەنىڭ ماشىنا ياساش شىركىتى ۋولكىسۋاگېن ۋە تۇلپار ئارقىغا تىزىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ماشىنا ساھەسى مۇتەخەسىسى سىتېفان ئېلىكتىر ماتورلۇق ماشىنىنىڭ يەرشارىدا سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش (بولۇپمۇ گېرمانىيەدە) ئۈچۈن، «قايتا ئىجادىيەتكە مەركەزلىشىش» كە مۇراجەت قىلغان.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved