بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
4-ئايدا ، ياپونىيە گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تارىخشۇناسلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى :خەلىقئارا تارىخ ئىلمى ساھەسى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ياپونىيە مىلىتارىسلىرىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخىنى ئېتراپ قىلىدۇ ،ياپونىيەدىكى بىرقىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ يامان غەرەزدە قىلغان قىلمىشى تارىخى رىئاللىقنى ھەرگىز يوقىتالمايدۇ.
ئامرىكا غەربىي شىمال ئۇنۋېرستىتى تارىىخ فاكولتىتىنىڭ لورا خىن كۆپ يىللاردىن بۇيان 20-ئەسىردىكى ياپونىيەنى ئاساسلىق تەتقىقات يكنىلىشى قىلغان بۇلۇپ ،ئۇ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە يازغان ‹تارىخنى تەكشۈرۈش ›ناملىق كىتابىدا ،ياپونىيە ئوڭ قاناتچىلارنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىپ تارىىخ دەرىسلىكىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنى ئاشكارلىدى .
لورا مۇنداق دەيدۇ :‹ناھايتى ئېنىقكى ،قىسقىغىنا بىر نەچچە ھەپتىدە نەنجىڭدا ھەقىقەتەن ناھايتى قورقۇنۇچلۇق ۋەقە يۈز بەرگەن ،مەن ئۇقۇشۇچىلارغا بۇ جۇڭگو تارىخىنى سۆزلەپ بەردىم ،بىزدە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگىچىلەرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى بارا ،شۈبھىسىزكى بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىدىكى ئىنتايىن رەزىللىككە تولغان بىر بەت ›. كۆپلىگەن ياپونلۇق بۇ پاكىتنى ئېتراپ قىلىدۇ ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ قىرغىنچىلىقنى ئېنگىلىزچە قوللىندىغان دۆلەتلەرمۇ ئىنكار قىلالمايدۇ ،گىرمانىيەلىك داڭلىق تارىخشۇناس 75يىل ئىلگىرى گېرمانىيەدا يازغان كۈندىلىك خاتىرسىدە ،رەزىل چوڭ قىرغىنچىلىقدىكى نۇرغۇن ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى خاتىرلەپلا قالماستىن ،80 نەچچە پارچە قىممەتلىك سۈرەتنى ساقلىغان ،بۇ شۇ دەۋىردىكى تارىخنى تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم دەلىل ئىسپات بۇلۇپ قالدى دېگەن .
نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ ۋەقەدە ياپونىيە ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان جىنايەتچى ، ئۇلار نەچچە يۈز مىڭلىغان جۇڭگۇلۇق پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلدى .
ياپونىيە ئوڭ قانات كۈچلىرى ۋە سىياسىي ساھەدىكى بىرقىسىم كىشىلەر نىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىغا بولغىن سانلىق مەلۇماتتىكى ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى توغرا ئامەس دېگەن قارىشىغا قارىتا ،ياپونىيلىك تارىخشۇناس :‹بۇ ئۇششاق چۈششەك ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىش ئارقىلىق ئەسلى ئىشنى ئىنكار قىلغان رەزىل قىلمىش ›دېدى .ياپونىيەدىكى ئوڭ قانات كۈچلەر دائىم ئالدى بىلەن جۇڭگو ئېيتقان ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 300مىڭغا يېتىدۇ دېگەن سۆزى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش دېيىشكەن ،ئۇلار بۇنداق دېيىش ئارقىلىق نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلماسلىقنى ئويلايدۇ ئەمما ئۇلار بۇ ئۇرۇشنى ئاسىيانى ئازاد قىلىش ئۇرىشى دەپ پەردازلىيالمايدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved