ۋىنسۇئېلا ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشىلىنىشى تەس

ۋىنسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 11-ئاپرىل ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە يېپىق سۆزلەشتى. بۇ سىرتتىكىلەرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخىشلاشقا ئۈمىد تۇغدۇردى. ئەمما تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋىنسۇئېلا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئېختىلاپىنى بىر مەزگىل ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەس، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشىلاش قېيىن. مادۇرۇ ئوباما سۆھبىتى نەچچە مىنۇتلا داۋاملاشتى. ئىككى تەرەپ بەك كۆپ مەزمۇنلارنى ئاشكارلىمىدى. ۋىنسۇئېلا: «سۆھبەت بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلغان، دوستانە، سەمىمىي كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى»، دېدى. ئاق ساراي مۇنداق دېدى: ئوباما ئۇچرىشىشتا ئامېرىكىنىڭ ۋىنسۇئېلانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تىنچلىق سۆزلىشىشنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئامېرىكىنىڭ ۋىنسۇئېلاغا تەھدىد پەيدا قىلىش مەقسىتىنىڭ يوقلىقىنى، «باشتىن-ئاخىر ۋىنسۇئېلانىڭ دىموكراتىك، مۇقىم، گۈللىنىشى»نى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، ۋىنسۇئېلا ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددى ئەھۋالدا «مارودۇ ئوباما سۆھبىتى» ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۆزىلا ئىجابى ئەھمىيەتكە ئىگە، سۆھبەتمۇ بىر قەدەر ئىناق بولدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە ۋىنسۇئېلا ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى «ئىناقسىزلىق ئامىل»نى ئاسانلىقچە يوشۇرغىلى بولمايدۇ.
ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئوباما قانۇن لايىھەسى ئېمزالاپ، ۋىنسۇئېلانىڭ 50كە يېقىن ئەمەلدارىنى جازالاپ، ئۇلار ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنى پەسەيتىش ھەرىكىتىدە «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز» يەتكۈزۈش قىلمىشى ساقلانغان، دەپ ئەيىبلىدى. ئالدىنقى ئايدا ئوباما مەمۇرى بۇيرۇق ئىمزالاپ، ۋىنسۇئېلانىڭ ئۇنىڭدىن باشقا يەتتە ئەمەلدارىنى جازالىدى، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈش ۋە چېرىكلىشىش مەسىلىسى». بۇ مەمۇرى بۇيرۇقتا ۋىنسۇئېلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئامېرىكىغا ئالاھىدە تەھدىد پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىلىپ، ۋىنسۇئېلاغا جىددى ھالەت يۈرگۈزگەن.
ئامېرىكىنىڭ قېلمىشى ۋىنسۇئېلانىڭ قارشى تەدبىر قوللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مادورو بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكىنىڭ ۋىنسۇئېلادا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىنىڭ سانىنى 100دىن 17گە ئازايتتى. ئامېرىكىنىڭ ۋىنسۇئېلانى تەھدىد دەپ قارىشىغا قارىتا، مادورو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ۋىنسۇئېلاغا تاجاۋۇز قىلماقچى ھەمدە ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرماقچى. مەملىكەت بويىچە ھەربىي مانېۋىر تەشكىللەپ، تاجاۋۇز قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، مادورۇ مەملىكەت بويىچە يەنە 10مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىمزاسىنى يىغىپ، ئوبامادىن مەمۇرى بۇيرۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغاندىكى ئىپادىسىدىن ئىككى دۆلەتنىڭ ئېختىلاپىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. مادرو ئامېرىكىدىن ۋىنسۇئېلانى ئىقتىسادى ئۇرۇش، پىسخىكا ئۇرۇشى، سىياسى ئۆزگىرىش سۇيقەستى قوزغاشنى توختىشىشنى ھەمدە ۋىنسۇئېلانى تەھدىد دەپ قارايدىغان مەمۇرى بۇيرۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، پەقەت مۇشۇ ئالدىنقى شەرت ئاسىتىدا، ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىمىز، دېدى. ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلار يىغىنى مادورونىڭ ئامېرىكىغا زەربە بېرىش، ئىتتىپاقداشلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇش مەيدانى بولدى. ئەمما ئوباما ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، سۆز قىلغاندا ۋىنسۇئېلانى تىلغا ئالمىدى، مادورو سۆز قىلغاندا ئۇ يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلدى.
11-ئاپرىل كەچتە ئامېرىكىنىڭ غەربىي يېرىم شارى ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ياكۇبىسىن: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىنسۇئېلانى تەھدىد دەپ قارايدىغان مەمۇرى بۇيرۇقنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدۇكى، «مادورو ئوباما سۆھبىتى»نىڭ قائىدە يوسۇنلىقى ۋە سىمۇۋۇللىقى ئۇنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتىدىن چوڭ، ۋىنسۇئېلا بىلەن ئامېرىكىنىڭ نورمال سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئىختىلاپى ۋە تۇسالغۇ ئۇزاققىچە يۇقىمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ۋىنسۇئېلانىڭ دىموكراتىك، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى مەسلىسىنى خالىغانچە ئەيىبلەۋاتىدۇ. بۇ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كەسكىنلەشتۈرۋېتىشتىكى سەۋەب.
باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش– ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان ناچار ئادىتى ھەمدە «ئاساسسز جازالاشنى يولغا قويۇشى» ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىشنى يولغا قويۇشتىكى يېڭى ئۇسۇلى دەپ قارالدى. بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مۇرالىس بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا قېتئەسى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە «2008-يىلى ئامېرىكىنىڭ بولىۋىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، بولىۋىيەنىڭ سىياسى ۋە دىموكراتىك مۇھىتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ناھايىتى كۆپ ياخشلاندى»، دەپ كۆرسەتتى.
شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدۇكى، ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، ۋىنسۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى ئۆزگەرمەيدۇ، ۋىنسۇئېلامۇ مۇناسىپ قارشى تەدبىر قوللىنىدۇ، ۋىنسۇئېلا ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشىلىنىشى تەس.



خەتكۈچلەر:
13-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek