رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 17-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ دېڭىز بويىدىكى چېگرا رايونىدا ئوتتۇرا شەرق نەپەسلىنىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى ۋىرۇسى يەنى مېرىس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ئايال بايقالغان، ھازىر بۇ ئايال ئۆيىدە ئايرىپ قويۇلغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئايال ۋۇسۇرىكستىكى بىر دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىۋاتقاندا مېرىس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىنغان. ئۇ تېخى يېقىندىلا كورېيەدىن قايتىپ كەلگەن ئىكەن. بۇ ئايال ئىلگىرى سېئۇلدىكى بىر دوختۇرخانىدا بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغۇچى بىلەن ئۇچراشقان ئىكەن. ھازىر بۇ ئايالنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى يېڭى سىبىرىيە رايونىدىكى بىر ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىگە ئانالىز قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved