بوسنىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش يولى ئېچىلدى

جاھان ئاگېنتلىقى 17-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى 7 يىل داۋاملاشقان قاراپ چىقىشتىن كېيىن بوسنىيە بىلەن ئىمزالانغان مۇقىملىق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىجرا بولۇشىنى ماقۇللىدى. بۇنڭ ئىچىدە بوسنىيەنىڭ نامزات دۆلەت بولۇپ قاتنىشىش مۇزاكىرىسىنى باشلىشى تىلغا ئېلىنغان.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، بوسنىيە-ھېرسىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىياسىي ۋە ئىقتىساد ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار ۋەدىلەر ماقۇللانغاندىن كېيىن ، بوسنىىيە بىلەن 2008-يىلى ئىمزالانغان مۇقىملىق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىجرا بولۇشىنى قۇبۇل قىلدى.
قاراردا« يېڭىلانغان ۋە ئىجرا قىلىنىشى كىرەك بولغان ئىسلاھات كۈنتەرتىپى، بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە كىرزىسلار ھەققىدىكى ئىسلاھاتلار، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تەشكىلى مىخانىزىمىدا بىردەكلىككە كەلگەن تېمىلارنىڭ ئىسلاھاتى قاتارلىقلار بار. ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ ئىجرا بولۇشىدا كاپالەتلىك ئىلگىرلەش، ئەزالىق ئىلتىماسىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىجابى قارىلىشى ئۈچۈن زۆرۈردۇر» دېيىلگەن.
بوسنىيە-ھېرسىك ئۈچ تەرەپلىمە پرېزىدېنتلىق كومىتىتى سىرىپ ئەزاسى ملادىن ئىۋانىچ، دۆلىتىنىڭ بىر يېرىم يىل ئىچىدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا رەسمى نامزات بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
گېرمانىيە ۋە ئەنگىلىيە، بوسنىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى مۇساپىسىدە نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى بىر پىلان تەييارلىغان ۋە بۇ دائىرىدە بوسنىيەلىك رەھبەرلەردىن ئىدارىۋى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار ئۈچۈن يازما ۋەدىلەر بېرىشىنى ۋە ئىسلاھات پىلانى سۇنۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بەدىلىگە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بوسنىيە-ھېرسىك ئۈچۈن قاتنىشىشتىن بۇرۇن مالىيە فوندلىرىنى ئەركىن قۇيۇۋېتىشى، مۇقىملىق ۋە بىرلەشمە كېلىشىمنىڭ ماقۇللىنىىشى قارار قىلىنغان.
بوسنىيە-ھېرسىك فېدراتىسيەسىنى تەشكىل قىلغان ئىككى ئاپتونۇم تەرەپتىن بىرى بولغان سىرىپ جۇمھۇرىيتىنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك ئىسلاھاتىنىڭ چەكلىنىشى سەۋەبلىك ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسىدە قوشنىلىرىنىڭ كەينىدە قالغان بوسنىيە-ھېرسىك جۇمھۇرىيتى، ئەزالىق ئىلتىماسىنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن نامزات دۆلەت بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قاتنىشىش مۇزاكىرىسىنى باشلىماقتا.



18-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- ماي ئېلان قىلىنغان بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن خەلقىنىڭ قەھرىمانى، گۇمپا شاھى ماننىي پاسكىيۇئاۋ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىق...
11-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئەنگىلىيە كارخانىلىرىغا 10 يىللىق قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئەن...
11-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتى فىلادېلفىيە شەھىرى، دېموكراتلار پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كېلىنتون دەسلەپكى سايلام كېچىلىكى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا شەرقىي قىسىمدىكى بەش شتات...
11-05-2016
    سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتمەكتە ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت كارخانىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىش پىلانىغا، يەنى دۇنيا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ پېيىنى بازارغا سېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. ...
11-05-2016
     ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى 10 ماي ئافغانسىتان بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئۈچ يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان پاكىستاننىڭ سابىق ...
11-05-2016
  ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئىنتايىن قاتتىق يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى تۈزۈۋېتىپتۇ. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ھەرقانداق كىشى ناۋادا «خاتا سىزىلغان» ھىندىستان خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، تالاش-تارتىشت...
11-05-2016
      فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 10-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە شۇ جاي ۋاقتى 10-ماي شەرقى جەنۇبتىكى شەھەر دىيارباقىرنىڭ مەركىزىدە بىر قېتىملىق ساقچى ماشىنىسىنى پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ق...
11-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
10-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كات (سولدا) ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسىنگىرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىش...
10-05-2016
    فىلىپپىن سايلام كومىتېتىنىڭ 10- ماي سەھەردىكى ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەۋاۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى دۇزېلتى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 14 مىليون 500 مىڭ بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سايلامدا غەلبە قىلىشى مۇقىم...
Powered by Leglek