خان مادرىد كۇلۇبى ئۇتتۇردى بىراق سەككىز كۈچلۈككە كىردى
11-03-2015
0
288
يازغۇچى: ئۆزياش
مەنبە: پۇتبول تورى
thumb

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدىكى خان مادرىد كۇلۇبى بىلەن شالكى 04 كۇلۇبى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ بېرناۋۇ توپ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشدا خان مادرىد كۇلۇبى 2-0 نەتىجە بىلەن مېھمان مەيداندا غەلبە قىلغانىدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا شالكې 04 كۇلۇبىدىن خوۋدىس بىلەن خۇنتىلار بىردىن توپ كىرگۈزدى. كىرىستىيانو رونالدو ئىككى كاللا توپ كىرگۈزدى. بۇ ئىككى توپ ئارقىلىق كىرىستىيانو رونالدونىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپ سانى 78 گە يىتىپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەنگە ئايلاندى.  كېيىنكى يېرىم مەيداندا بېنزىما بىر توپ كىرگۈزدى. شالكې 04 كۇلۇبىدىن ساين ۋە خۇنتىلار بىردىن توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا خان مادرىد كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 3-4 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. بىراق ئومۇمىي نومۇردا 5-4 بولۇپ شالكې 04 كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈككە كىردى.

 

مۇسابىقە باشلىنىپ 20-مىنۇتتا شالكې 04 كۇلۇبىدىن مور توپ ئېلىپ ئوڭ تەرەپتىكى خوۋدىسقا پاس تاشلىدى. خوۋدىس توپنى ۋاراتارغا تەپتى، گەرچە كاسىللاس توپنى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ بىراق توپ يەنىلا ۋاراتارغا كىردى. نەتىجە خان مادرىد كۇلۇبى 0-1 شالكې 04 كۇلۇبى.

 

25-مىنۇتتا خان مادرىد كۇلۇبى بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى. تونى كىروس بۇلۇڭ توپ باشلىدى، كىرىستىيانو رونالدو كاللا توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. نەتىجە خان مادرىد كۇلۇبى 1-1 شالكې 04 كۇلۇبى.

 

39-مىنۇتتا شالكې 04 كۇلۇبىدىن مور ۋاراتارغا توپ ئۇردى، بىراق كاسىللاس بۇ توپنى توسۇۋالدى، ئارقىدىنلا ئەگىشىپ كەلگەن خۇنتېلار بۇ توپنى كىرگۈزۈپ نەتىجىدە يەنە ئېشىپ كەتتى. نەتىجە خان مادرىد كۇلۇبى 1-2 شالكې 04 كۇلۇبى.

 

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئازلا قالغاندا يەنى 45 مىنۇت بولغاندا كونتېرىۋا سولدىن ئوتتۇرىغا پاس تاشلىدى. كىرىستىيانو رونالدو يەنە كاللا توپ كىرگۈزدى. خان مادرىد كۇلۇبى 2-2 شالكې 04 كۇلۇبى.

 

كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 53-مىنۇتتا خان مادرىد كۇلۇبىدىن بېنزېما بىلەن قېدىرا ماسلىشىپ توپنى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە ئېلىپ كىردى. بېنزىما توپنى كىرگۈزدى. نەتىجە خان مادرىد كۇلۇبى 3-2 شالكې 04 كۇلۇبى. 

 

57-مىنۇتتا شالكې 04 كۇلۇبىدىن زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان 1996-يىلى تۇغۇلغان توپچى ساين بىر توپ كىرگۈزدى. نەتىجە خان مادرىد كۇلۇبى 3-3 شالكې 04 كۇلۇبى.

 

 

84-مىنۇتتا شالكې 04 كۇلۇبىدىن ساين ياردەمچى پاس بەردى. خۇنتېلار توپ كىرگۈزدى. نەتىجە خان مادرىد كۇلۇبى 3-4 شالكې 04 كۇلۇبى.

 

ئاخىرىدا خان مادرىد كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 3-4 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇردى. بىراق ئىككى قېتىملىق ئومۇمىي نەتىجە 5-4 بولۇپ خان مادرىد كۇلۇبى شالكې 04 كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى سەككىز كۈچلۈككە كىردى. 

 

خان مادردى كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقان توپچىلار:

1-كاسىللاس

2-ۋارانى

3-پې پې

5-كونتېرىۋا

17-ئاربېلوئا

6-قېدىرا

8-تونى كىرۇس

23-ئىسكو

11-بېل

9-بېنزىما

7-كىرىستىيانو رونالدو.

 

شالكې 04 كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:

40-ۋىرون روئىت

32-ماتىپ

31-ناستاسىچ

23-فۇكس

4-خوۋدىس

7-مور

33-نوئىستات

12-ھېلگىر

27-بارنېتتا

30-ساين

25-خۇنتىلار


 


خەتكۈچلەر:
11-03-2015
0
288
يازغۇچى: ئۆزياش
مەنبە: پۇتبول تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2015
0
36
thumb
تەڭرىتاغ مۇخبىرىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى : جۇڭگو شىنجاڭ 9- نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ( قىسقارتىپ سايرام كۆلىنى ئايلىنىش مۇسابىقىسى دەپ ئېلىندى ) 27- ماي كەچقۇرۇن شىنجاڭ جىڭ ناھىيەسىدە باشلاندى. ئ...
28-05-2015
0
79
thumb
شۇ يەر ۋاقتى 28-ماي، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ توققۇز نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) تەرىپىدىن تۇيۇقسىز ئېلىپ كېتىلگەن. ئىگىلىنىشىچە، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بۇ قېتىم قولغا ئېلىنغان يۇق...
26-05-2015
0
100
thumb
ۋاڭيى تەنتەربىيىسى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى   بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 19:30 ئۆتكەندە 2015-مۇسابىقە پەسلى ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش بىرلەشمىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈكنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئۇچر...
26-05-2015
0
68
thumb
پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى   خان مادرىد ئورگان تەرەپ ئىتالىيەلىك مەشقاۋۇل ئانچىلوتتىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.   ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدا خان ماد...
24-05-2015
0
157
thumb
پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى   ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى   بارسېلونا كۇلۇبى 2-2 نەتىجىدە راكلۇنىيا كۇلۇبى بىلەن تەڭلەشتى. مېسسى ئىككى توپ كىرگۈزدى. خاۋى كېلەر پەسىل بارسېلونادىن ئايرىلىدۇ. قارشى تەرەپ را...
22-05-2015
0
237
thumb
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:     مەن پۇتبولغا بەك ئامراق، بۇرۇندىن بىر يۈرۈش پۇتبول ئوينىغاندا كىيىدىغان كىيىمىمنىڭ بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، بۈگۈن ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى، بۇ كىيىم بەك چىرايل...
21-05-2015
0
105
thumb
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:بېيجىڭ ۋاقتى 21-ماي سەھەر سائەت 2:45 مىنۇت ئۆتكەندە، 67-نۆۋەتلىك ئىتالىيە لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى رىم ئولىمپىك پۇتبۇل مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، يۇۋېنتۇس كوماندىسى قوشۇلغان مۇسابىقە...
18-05-2015
0
145
thumb
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 16-ماي رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئىشتىن سىرتقى ماھىرلار بىلەن مۇز ئۈستى باندى توپ كوماندىسىدىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەر ئارا ئېلىپ بېرىلغان مۇز ئۈستى باندى توپ مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، ئاخىرىدا پۇتىن ...
18-05-2015
1
196
thumb
پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى   بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر ۋاقتى 1:00 بولغاندا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 37-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبىنىڭ مەيدانىدا خان مادرىد كۇلۇبى بى...
18-05-2015
0
152
thumb
پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى   بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر ۋاقتى 1:00 بولغاندا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 37-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇھىم مۇسابىقە مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنىڭ مەيدانىدا بارسېلونا كۇلۇب...
Powered by Leglek