ئانىلار ئايلانما مەبلىغىگە ئېرىشكەن ۋەكىللەر بۇ مەبلەغنىڭ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرىنى سۆزلىمەكتە
ئۆز خەۋىرىمىز : جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ ‹‹ MaryKay ›› ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش فوندى — ئانىلار ئىگىلىك تىكلەش ئايلانما مەبلىغىنى تارقىتىش مۇراسىمى 29-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى .
بۇ پائالىيەتنى جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ، شىنجاڭ ئاياللار-بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ، بۇ قېتىم دۆربىلجىن ناھىيەسى ، مورى ناھىيەسى ، قۇتۇبى ناھىيەسى ، پىچان ناھىيەسى ، قومۇل شەھىرى ۋە ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىن جەمئىي 204 نەپەر ئايالغا 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق ئۆسۈمسىز قەرز پۇل تارقىتىپ بېرىلدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved