مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كىلەر يىلى ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنىڭ بازارغا سېلىنىش نىسبىتىنىڭ %30 كە يېتىشىدە ئۈمىد بار بولۇپ،"ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنىڭ چوڭ پەردىسى ئېچىلىپ،كەلگۈسىدە كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت يۈكى يېنىكلەش،مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق بىر قانچە تۈرلەرنىڭ ئىسلاھاتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ."
ئىقتىسادشۇناس سوڭ چىڭ خۇي ئاخبارات ۋاستىلېرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن پايدىلىق تەسىرلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا، ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغى ئۈزلۈكسىز بازارغا سېلىش مەبلىقىگە قوشۇلۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنىڭ بازارغا سېلىنىش مەبلەغ نىسبىتى كىلەر يىلى ئەڭ يۇقىرى چېكى%30 يېتىشىدا ئۈمىد بار دەپ ئېيتقان.
سانلىق مەلۇمات سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 3- پەسىلنىڭ ئاخىرىدا، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىغا مەبلەغ سېلىنغان A پايچېكىنىڭ پېيى 653 كە يەتكەن بولۇپ، ساقلانغان پايچەك سانى 90.06 مىليارد پايغا يەتكەن، ساقلانغان پايچەكنىڭ بازار قىممىتى 1520.31 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 3- پەسىللىك يېڭى قوشۇلغان پاي 162 دانە بولغان.
ھازىر دۆلىتىمىزدە سىياسىتىدە كىرىشكە ئىجازەت قىلىنغان كاپىتال بازىرىنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندىدىن «دۆلەت ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى» ۋە «كارخانا يىللىق پۇل فوندى» بار بولۇپ، ئىككىسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، بازارغا سېلىنىشقا بولىدىغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان قىممەت 8200 مىليارد يۈەن (6000 مىليارد يۈەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى + 2200 يۈەن كارخانىلار يىللىق پۇلى بولۇپ)، ئومۇمىي بازار قىممىتىنىڭ %1.3 نى ئىگەللەيدۇ. ئۆز- ئارا سېلىشتۇرغاندا ئامېرىكا كاپىتال بازىرىدىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندى ئەمىلىي نىسبىتى %60 كە يەتكەن.
2014- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندى ئومۇمىي قالدۇقى تەخمىنەن 3 ترىلىيون 500 مىليارد يۈەن بولغان، ئالدىن قالدۇرۇلغان چىقىم مەبلىغىنى چىقىرۋەتكەندىن باشقا ، مۆلچەرلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە كىرگۈزۈشكە بولىدىغان مەبلەغ سېلىش ۋە تىجارەت دائىرىسىنىڭ مەبلىغى جەمئىي 2 ترىليون يۈەن بولغان. بازار مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل 8- ئاينىڭ 24- كۈنى، "ئاساسىي ياشانغانلار سۇغۇرتا فوندىغا مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى" نىڭ ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلىشى بىلەن، ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندى ۋە كاپىتال بازىرىنىڭ ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە، دۆلىتىمىز كاپىتال بازىرى بىر قېتىملىق يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتىۋالىدۇ ، كاپىتال بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ .
جۇڭگو ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كۆلىمى سىجىل ئاشقان. 1990- يىلدىكى كىرىم 179 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئامانەت پۇل قالدۇقىنى چىقىرۋەتكەندە پەقەت 98 مىليارد يۈەن بولغان، 2013- يىلدا ئايرىم- ئايرىم ھالدا 22680 مىليارد يۈەن ۋە 28269 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا 126 ھەسسە ۋە 288 ھەسسە ئاشقان. بۇنىڭغا قارىتا، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ بىنۋېن ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىغا مەبلەغ سېلىش فوند ئېشىش نىسبىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ،چەت ئەل مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كۆرۈنەرلىك ھالدا ئېغىر دەرىجىدە ئارقىدا قالغان دېيىشكە بولىدۇ. كېيىنكى قېتىملىق يىللىق پىلاندا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ دەپ ئېيتتى.
سۇڭ چىڭ خۇي يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ 2016- يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە تۇنجى قېتىم كارخانىلارنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولغان «كۆپ خىل تەدبىر» لىك سېستىما ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە، كارخانىلار زور پايدىغا ئېرىشىدۇ دەپ ئېيتتى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved