يەر شارى خەۋەر تورى 27-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربى قىرغاقتا 23 نەپەر پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە تورى تىۋېتتىر ھىساباتىدا ئېلان قىلغان باياناتتا، پەلەستىننىڭ غەربى قىرغاق رايۇنىدا «زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقانلىقى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلىۋاتقان 23 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن. باياناتتا، قولغا ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان رايۇنلار ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىلمىگەن. ئىسرائىلىيە ھەربي قىىسملىرى غەربى قىرغاق بىلەن شەرقى قۇددۇس رايۇنىدا پات-پات تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەلەستىنلىكلەرنى قولغا ئالماقتا. پەلەستىن ئەسىرلەر مىنىستىرلىكىنىڭ ئىستاستىكىسغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 6 مىڭ 500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved