تېڭشۈن تەنتەربىيىسى-(لەگلەك تورى تەرجىمىسى): بېيجىڭ ۋاقتى2-ئاينىڭ17-كۈنى«توپ كىردى تورى»خەۋېرىدە،مانچېستېر شەھېرى كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى پېللېگرېلىنى ئۆزىنىڭ بۇيىل يازدا،بۇرۇن مالاگا كوماندىسىدىكى توپچىسى(ھازىر خان مادرېدتا)ئىسكونى سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى،مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبى ئۆتكەن يىل يازدا ئىسكونى سېتىۋېلىش رىقابىتىدە خان جەمەتى مادرېد كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.
ئۆتكەن يىلى يازدا پېللېگرېلىنى مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبىغا يېڭىدىن تېرنېر بولغان چاغدىلا ئىسكونى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمەكچى بولغان، لىكىن ئاخىرىدا خان مادرېد30مىلىيۇن ياۋرولۇق باھا بىلەن بۇ سەبى بالىنى مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ كەتكەن. ئىسكو خان مادرېدقا يېڭى كەلگن ۋاقىتتا بىرمەزگىل ئاساسلىق ئەزا ئورنىدا مەيدانغا چىققان ئىدى،لىكىن بالې نىڭ كۇلۇبقا قوشۇلۇشى ھەمدە جېسۇس نىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى شۇنداقلا ئانچېلوتتىنىڭ سەپ شەكلىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە ئىسكو ئاساسلىق ئەزالىق سالاھىيتىدىن سەپلىمە ئەزالىق ئورنىغا چۈشۈپ قالغان،2014-يىلى ئۇ پەقەت بىرمەيدانلا ئاساسلىق ئەزا بولۇوپ مۇسابىقىگە قاتناشتى،بۇ سەۋەپتىن ئىسپانىيىلىك بۇ ئۆسمۈر كۇلۇپتىن ئايرىلىشنى ئويلاپ كەلدى، ئۇزۇندىن بۇيان ئىسكو نىڭ پېيىدە يۈرگەن مانچېستېر شەھىرىگە بۇ ناھايىتى ئوبدان بىر پۇرسەت بولدى. خان مادرېدنى بۇيازدا ئىسكونى بازارغا سالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ،خان مادرېدمۇ ئىزچىل مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىدىكى ئىككى چولپانغا كۆزتاشلاپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مانچېستېر شەھىرى بۇ سودىدا ھەرگىزمۇ داۋىد.سىلۋا بىلەن كۈن.ئاگۇئېرو نى قوشۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى خالىمايدۇ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved