شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى كۈتىۋېلىش يىغىنى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى ،يىغىنغا مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيرۇسىنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ،مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى لىيۇ مىنشەن قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى لىيۇ يۈنشەن ،جۇڭگو ھۆكۈمىتى رەئىس شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن قوللىغان ۋە قاتناشقان بارلىق مۇتەخەسسىسلەر ۋە خەلقئارا دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى ۋە ھال سورىدى .ئۇ مۇنداق دېدى :‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 65 يىلدىن بۇيان ،بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى 30 نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئۇلۇغ نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ،يېڭى جۇڭگونىڭ 65 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بوشاشماستىن كۈرەش قىلغانلىقىدىن كەلگەن بۇلۇپ جۇڭگودا خىزمەت قىلغان بارلىق چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە خەلقئارا دوستلارنىڭ زور تۆھپىلىرى مۇجەسسەملەنگەن .چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشى ۋە زامانىۋېيلاشتۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنى جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ ›.
لىيۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى :‹جۇڭگو خەلقى يولداش شى جىنپىڭنىڭ باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ ئاتلاندى .بىز ئىلمىي ،سىجىل ،سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ،داۋاملىق ئىزدىنىپ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تەدبىرىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ئەمىنلەشتۈرۈپ ،سوتسىيالىستىك يادرو قىممەتلىك قارىشىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش ،پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ ھەر مىللەت خەلقىنى باشلاپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ تېخىمۇ بەخىتلىك گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتايلى ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved