مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ مۇھىم بايانىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى ھەققىدىكى بايانى» «شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى توغرىسىدىكى بايانى» «شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانى»نىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەھرىرلەپ نەشىر قىلغان. بۇ ئۈچ ئوقۇشلۇقنىڭ نەشىر قىلىنىشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى بولدى.
مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن يېلى مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆز ئېلان قىلىپ، نۇرغۇن ئىجادى پىكىرگە ئىگە يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدىكى يېڭى كۆرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئاساسىي ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قاراش بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى ھۆججەتلەرنى تەھرىرلەپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ بايانىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەھرىرلەپ نەشىر قىلدى.
سۈن يېلى مۇنداق دېدى: بۇ ئۈچ كىتابتا باش تېما مەركەزلىك بولۇپ، ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس، ئوقۇشقا قولايلىق. مەزمۇنىنىڭ رېئال قاراتمىلىقى كۈچلۈك.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگىلىيە ۋىتنىي، شۇ كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved