شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 31-ئىيۇل ، مالايشىيا زۇڭلىسى نەجىب ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى گوللاندىيەنىڭ خىلۋېرسۇمدىكى بىر ھەربىي بازا سىرتىغا گۈلچەمبىرەك قويدى
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 31-ئىيۇل ، مالايشىيا زۇڭلىسى نەجىب گوللاندىيەنىڭ خاگۋېغا يېتىپ بېرىپ ، گوللاندىيەدە ئېلىپ بارىدىغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى ، ھەمدە گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى مارك رۇتتې بىلەن كۆرۈشۈپ ، مالايشىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ۋەقەگە يولۇققان MH17 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە كېڭەشتى . شۇ كۈنى ، نەجىب ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى گوللاندىيەنىڭ خىلۋېرسۇمدىكى بىر ھەربىي ئىشلار بازىسىنىڭ سىرتىغا گۈلچەمبىرەك قويدى . ئىگىلىنىشىچە ، قانۇن دوختۇرلىرى بۇ بازىدا مالايشىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ۋەقەگە يولۇققان MH17 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ جەسىتىنى تونۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەۋېتىپتۇ .
![]() |
ھازىرقى ئەھۋالدا ھىلارى ئۇتۇپ چىقىدۇ
ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى رەقىبى كىرۇز ۋە كاسىچ ئارقا - ئارقىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، يەر-مۈلۈك ماگناتى ترامپ 2016 - يىللىق ئامېرىكا جۇمھۇ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved