گېرمانىيە سودا بانكىسى (Commerzbank) چارشەنبە 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ھەپتىلىك تەھلىل دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى 1060 دوللار ئەتراپىدا كۈچلۈك تىرەش كۈچى مەۋجۇت، ئالتۇن باھاسىنىڭ گرافىكلىق ھالىتىدىن قارىغاندا قىسقا ۋاقىتلىق يۆنىلىشىدە چۈشۈش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1060 دوللار ئەتراپىدىكى تىرەش كۈچىنى ساقلاپ قالالمىسا، ئالتۇن باھاسى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسىتىپ 946 دوللار ئەتراپىدىكى نۇقتىغا كېلىشى مۇمكىن. ئۆسۈش يۆنىلىشىدە، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1098 دوللاردىكى نۇقتىغا قايتىپ كېلىپ، بۇ نۇقتىدا مۇقىم تۇرالىسا، قىسقا ۋاقىتلىق چۈشۈش بېسىمى ئاجىزلاپ 1125 دوللار ئەتراپىغا كېلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.
كانادا فېڭيې بانكىسى (Scotiabank) چارشەنبە 11-ئاينىڭ 25-كۈنى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئاخشام بازار يېپىش ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنىلىشى تەكشى ھالەتتە بولۇپ 1072.50/1073.50 دوللار ئەتراپىدا بولغان. ئالتۇن باھاسى 1074 دوللار ئەتراپىغا چىقىپ ئارقىدىن تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ 1067 دوللار ئەتراپىغا كەلگەن، بۇنداق بولىشىدا ئاساسلىقى ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقىپ، دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن دەپ كۆرسەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved