ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ھەم بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئارقا بېكى پىكنىڭ قىز دوستى شاكىرە ئىجاد قىلغان بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى پات ئارىدا رەسمى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ لاتىن مەلىكىسى بۇ ناخشىسىنىڭ ئىسمىنى «lalala» دەپ قويىدىكەن. بۇ تۆت يىل بۇرۇنقى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ناخشىسى«Waka Waka» دىن كېيىنكى شاكىرەنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئاساسلىق ناخشا ئىجاد قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئۆزىنىڭ بارسېلونادىكى ئۆيىدە زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا ، 37 ياشلىق شاكىرە مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:« بۇ ناخشىنىڭ بىر خىل ئالغا ئىنتىلىدىغان، غەلبىگە تەلپۈنىدىغان روھنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئالاھىدە يېرى بار.ھەم بىرازىليە خاسلىقىنى نامايەن قىلالايدۇ.ناخشىنىڭ تېكىستىدە يەنە شەخسىي ئالاھىدىلىكمۇ ئىپادىلىنىدۇ.يەنە كېلىپ مەن مەخسۇس دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى نۇسخىسىدىكى ناخشىنى ئاۋازغا ئېلىپ قويدۇم.»
ھەتتا ئۇنىڭ ئوغلى مىلانمۇ بۇ ناخشىنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ھېس قىلالىغان :« ئەينى چاغدا مەن ئۈنگە ئېلىش ئۆيىدە ئىدىم، ئاندىن ئوغلۇم مىلان يۈگۈرۈپلا كىرىپ كەلدى. مەن ئۇنى يوتامنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم، ئۇ باشتىن ئاخىرى دىققەت بىلەن ئاڭلىدى.ناخشا ئاخىرلىشىدىغان يېرىگە بارغاندا مىلان خشال بولغىنىدىن ۋارقىراپ تاشلىدى.» دېدى شاكىرە ئوماق ئوغلى مىلاننىڭ بۇ ناخشىغا بولغان قىزغىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ.
بەش يىللىق ئارام ئېلىشنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن شاكىرە يەنە ئۆزىنىڭ ئوخشاش ئىسىملىك مەخسۇس پىلاستىنكىسىنى چىقاردى. بىراق بۇ يىللاردا ئۇ ئەزەلدىن ناخشا ساھەسىدىن ئايرىلىپ باقمىدى.
ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتى توغرۇلۇق شاكىرە مۇنداق دېدى:«يەتتە ياش ۋاقتىمدىكى روژىستىۋا بايرىمىدا مەن سوغاتلىققا بىر دانە خەت ئۇرۇش ئۈسكىنىسى قۇبۇل قىلدىم.شۇنىڭدىن باشلاپ مېنىڭ ناخشا ئىجاد قىلىش ھاياتىم باشلاندى.»
ھازىر ئۆزىنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسىنى ئىجاد قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخى «ئامېرىكا ياخشى ئاۋازى» پىروگراممىسىنىڭ باھالىغۇچىلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان شاكىرە ئۆزىنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسىنى پۈتۈن يەر شارىغا تارقىتىشقا قاتنىشىش قاتناشماسلىقنى قارار قىلىشقا مۇھتاج.
ھازىر شاكىرە ئۆزىنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسىغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved