ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 22-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئالاباما ئىشتاتىدا بىر ئۆسمۈر ئۆزىنىڭ 9 توققۇز ياشلىق سىڭلىسىنى ھويلىسىدىكى دەرەخكە ئېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا 20 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 18 ياشقا كىرگەن جون سالېرس بېرمىنگامغا 30 مىل كېلىدىغان ئۆيىدە 2012 -يىلى 5-ئايدا يۈز بەرگەن قاتىللىق دېلوسىنى ئۆزى قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
جون سالېرس ئۇزۇن مەزگىل قامىلىپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ جازا ئۆتەش مۇددىتى قىسقارتىلىشى ياكى كېپىلگە قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ سوت مەھكىمىسىدە قىلغان سۆزىدە، ھېچقانداق ئادەمنىڭ ئۇنى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىمىغانلىقىنى ھەمدە ھېچقانداق ئادەمنىڭمۇ ئۇنىڭ جىنايىتىگە مەسئۇل بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭ سىڭلىسى 2012-يىلى 5-ئايدا، باشقىلار تەرىپىدىن ھويلىدىكى دەرەخكە ئېسىقلىق ھالەتتە بايقالغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا جون ئاران 14 ياشتا ئىكەن.
يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ۋاقىتتا، ئۇ قىز سىرتقا ئوينىغىلى چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھاممىسى ئۇنى يوقاپ كەتتى، دەپ ئويلاپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزنى ئىزدەپ چىققان ۋاقىتتا، ئۇ قىزنىڭ بىر دەرەخكە ئېسىقلىق ھالەتتە تۇرغانلىقنى بايقىغان.
جون قىزىنى دەرەخكە ئېسىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇخلاپ قالغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇنى ئويغىتىپ تۇتۇپ كەتكەن. ئۇ دەسلەپتە قۇرامىغا يەتكەنلەر قاتارىدا ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن سوتلانغان بولۇپ، لېكىن ئۇ ئىقرار قىلغان بولغاچقا، جىنايىتى يېنىكلەشتۈرۈلگەن.
سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆججەتلىرىگە ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش مەقسىتى خاتىرىلەنمىگەن بولۇپ، تەپتىش ئەمەلدارى ۋە ئادۋوكاتلارمۇ قايتا سۈرۈشتۈرمىگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved