22-چېسلا كەچ سائەت7:20 مىنۇت ئەتراپىدا ، خەيكو گوشىڭ يولى ۋېنتەن يول ئېغزىدا بىر قېتىملىق ئېغىر جىدەللىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بۇلۇپ، چىيوڭشەن رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى قانۇن ئىجرا قىلش جەريانىدا بىر سوغوق ئىچىملىك سېتىۋاتقان يايمىكەش بىلەن كەسكىن تۇقۇنۇشۇپ قالغان، نەتىجىدە يايمىكەش لى فامىللىك يارلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان، لى فامىللىكنىڭ 4 ياشلىق ئوغلى پاتپاراقچىلقتا يۇقاپ كىتىپ ھازىرغا قەدەر تېپىلمىغان.
زەخمىلنىشكە ئۇچرىغان لىكېمىڭ بىلەن ئايالى خېشىياۋلى ، ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى ھەممىسى سىچۈئەن باجوڭلۇق بۇلۇپ، خەيكوغا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەن ئىكەن، ئۇلار كۈندۈزى ئىشلەمچىلىك قىلسا ئاخشاملىرى كىچىك تىجارەت قىلىپ جېنىنى باقىدىكەن. كەچ سائەت 7:20 ئەتراپىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى گوشىڭ يولى ۋېنتەن يول ئېغزىدىكى پىيادىلەر يولىدا يايما يېيىپ سوغوق ئىچىملىك سېتۋاتقان ئىكەن، مۇشۇ ۋاقىتتا چارلاشقا كەلگەن چىيوڭشەن رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى بۇلارنى ئۇچرىتىپ قالغان.شەھەر باشقۇرغۇچىلار لىكېمىڭنىڭ توڭلاتقۇسىنى مۇسادىرە قىلدىغانلىقىنى ئېيتىپ مەجبۇرىي ھالدا توڭلاتقۇنى كۆتۈرۈپ قانۇن ئىجرا قىلىش ماشىنىسغا باسقان، ئارقىدىن ئىككى تەرەپ سوقۇشۇپ كەتكەن.لىكېمىڭنىڭ 4 ياشلىق بالىسى قالايمقانچىلىقتا يۇقاپ كەتكەن.
گوشىڭ رايونلۇق ساقچىخانىدا لىكېمىڭ يارلىنىپ ھوشىدىن كەتكەنلىكى تۈپەيلى ساقچى تەرەپ 120 گە تېلفۇن قىلىپ سائەت10:30 ئەتراپىدا قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ساقچىخانىغا يىتىپ كەلگەن. ھەمدە لىكېمىڭنى 187-دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاش ئېلىپ بارغان. لىكېمىڭنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنىڭ كۆپ قېتىم تەلەپ قىلشى نەتىجىسىدە ساقچى تەرەپ ئادەم ئاجرىتىپ خې فامىللىك بىلەن ئىش يۈز بەرگەن يەرگە بېرىپ بالىنى ئىزدەشنى باشلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved