ئامېرىكىنىڭ ئالەم قاتنىشى ۋەزىپىسىنى خۇسۇسىي كارخانىلار ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك

ئامېرىكا ئوربىتا ئىلىم پەن شىركىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا مال يەتكۈزگەن راكېتاسى ھاۋا بوشلۇقىدا پارتلاپ كەتتى، كېيىن ئەنگلىيە ۋېيجېن ساما يولى شىركىتىنىڭ سودا ئادەملىك ئالەم كېمىسى پەرىشتىلەر بايرىمىدا كۆزدىن غايىب بولدى.


بۇ ئىككى ۋەقە كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ سودا ئالەم قاتنىشى قەدىمى بەك تېز بولۇپ كەتتىمۇ قانداق دەپ گۇمان قىلىشتى. بىراق ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئادەملىك ئادەم كېمىسى تۈرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى گېسدېنمېل مۇنداق دېدى: بىز مەغلۇبىيەتكە ھەددىدىن ئارتۇق ئىنكاس بىلدۈرمەسلىكىمىز كېرەك، ئاپەت بىزنى شۇنىڭغا ئەسكەرتتىكى بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن جاپالىق، بىز تېخىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.


ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئىككى ۋەقەدىن كېيىن سودا ئالەم قاتنىشىغا مەدەت بەردى. گېسدېنمېل مۇنداق دېدى: ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئوربىتا ئىلىم پەن شىركىتىنىڭ قويۇپ بېرىش ئىشلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندى، لېكىن بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەت خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدىن پايدىلىنىپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا مال يەتكۈزۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى توسۇيالمايدۇ.


ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بوردېن مۇنداق دېدى: گەرچە ئالەم كېمىسى 2-نومۇر ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ۋەزىپىسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئالەم قاتنىشى يولىدا ئىزدەنگەن بارلىق كىشىلەر بۇنىڭغا ھەسرەتلەندى. ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئىنتايىن جاپالىق، ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بارلىق ئالەم قاتنىشى خادىملىرىنىڭ خېيىم-خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىش روھىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا.


ئامېرىكا گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئالەم بوشلۇقى سىياسىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى جون لوگېسدېن بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىگە بولغان تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: ئوربىتا ئىلىم پەن شىركىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئامېرىكىنىڭ سودا ئالەم قاتنىشى پىلانىغا ئېغىر زەربە بولمايدۇ، بەلكى ۋېيجىن ساما يولى شىركىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئالەم قاتنىشى ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.


ئالەم كېمىسى 2-نومۇرنى لايىھىلىگۈچى لۇدەن مۇنداق دېدى: ئالەم ساياھىتى باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقاتا، خەتەرلىك دەرىجىسى ئۆتكەن ئەسىردىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قەدىمى بىلەن ئوخشاش. كەسىپ ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىجارەت بىخەتەرلىكى ھەر قايسى خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئالەم ماشىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ئالەم قاتنىشىنى بازارلاشتۇرۇش بازارلاشتۇرالماسلىق زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە سودىلاشتۇرۇش- ئامېرىكىنىڭ ئالەم قاتنىشىنىڭ زۆرۈر تاللىشى.

 

ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى باشلىنىشىدىلا سودا شىركەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلدى. ئامېرىكىنىڭ راكىتا ياكى ئالەم كېمىسىنى لايىھەلەش ۋە ياساش ئىشلىرىنى بوئىن شىركىتى، لوكشىد –مارتىن شىركىتى قاتارلىق سودا شىركەتلىرى ئۈستىگە ئالغان، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بۇنىڭغا ئارىلاشمىغان.


تەتقىق قىلىپ ئېچىشتىن ياساشقىچە، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئىشنى ھۆددىگە بېرىشكىلا قىزىقىپ كەلدى، ئۇلار سانائەت ساھەسىدىن ئەڭ ياخشى لايىھەنى يىغدى ۋە خېرىدار چىقىرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى سودا شىركەتلىرى كەسكىن رىقابەت ئىچىدە قالدى، ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بۇ رىقابەت داۋامىدا سۈپەتلىك ۋە ئەرزان بولغان لايىھە ۋە ئۈسكۈنىلەرگە ئېرىشتى.
خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ قاتنىشىشى ئامېرىكىنى ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ساھەسىدە بىر قەدەر تۆۋەن تەننەرخلىق ئالدىن ساھەگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئالەم قاتنىشى پىلانىغا قاتناشقان خۇسۇسىي كارخانىلار كارامىتىنى نامايان قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشى بىلەن خۇسۇسىي كارخانىلار ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى.


ئامېرىكا ئالەم ئايروپىلانى 2011-يىلى ئومۇميۈزلۈك سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھازىرغىچە رۇسىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن پايدىلىنىپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى توشۇپ كەلدى ھەمدە ھەر بىر ئىتتىپاق نامىلىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇشىغا 71 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولدى.


ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش مەڭگۈ خەتەرلىك ئىش. ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش ئەزەلدىن خەتەرلىك ئىش، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىلىم پەن ۋە ئالەم بوشلۇقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى نېلسۇن مۇنداق دېدى: بىز ى مەغلۇبىيەتكە ھەر ۋاقىت ئۇچراپ، لېكىن بىزنىڭ سودا ئالەم قاتنىشى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشىمىز ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ.



خەتكۈچلەر:
04-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    رېيتېر ئاگېنتلىىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىنى پىلانلىغان، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مەقسىدى بولسا ھۆكۈمەتتىكى بىر...
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتى پاي چېكى باھاسى تۈنۈگۈنكى بازاردا يەنە بىر قېتىم چۈشۈپ، يەككە باھاسى 91.85 دوللاردا توختىغان، بۇ 2014-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. يىقى...
06-05-2016
    گەرچە Galaxy J تۈرىدىكى ۋە Galaxy A يۈرۈشلۈكىدىكى يانفونلار ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك بازارلاردا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو بازىرىدا ئەھۋال بۇنداق ئەمەس، سامسۇڭنىڭ شىياۋمى ۋە مېيزۇ شىركەتلىرىنىڭ م...
06-05-2016
    چەت ئەل تارتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر ئالاقە تورى فىنلاندىيەلىك 10 ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ تور سېستىمىسىدىكى نۇقساننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەرگەن.  &...
06-05-2016
    جۇڭگو نۇسخىسىدىكى HTC 10 يەنى LifeStyle سىنەپدراگون 652 نى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەندىن كېيىن كۆپلىگەن تەنقىدكە ئۇچرىدى، چەتئەللىك تورداشلارمۇ بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلدى، بۈگۈن كۆپلىگەن چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى...
06-05-2016
    جۇڭگو ئاۋازى «مەركىزى رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو-فىرانسىيە يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى ھەمكارلىق ھەپتىلىكى بۇ ھەپتە ئەنخۇينىڭ خېفېي شەھىرىدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پىلازما فىز...
06-05-2016
    بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى تور بېكىتى 19-ئاپرېل مۇنداق خەۋەر بەردى: تويۇنۇپ كەتكەن جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرى نۆۋەتتە كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە.     «چوڭ كولا» يان تېلېفون شىركىت...
06-05-2016
تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە تەننەرخنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئەقلىيفون ئىنتايىن ئومۇملاشتى، ئەمما كۇنۇپكىلىق تېلېفون يەنىلا مەلۇم بازارغا ئىگە. مىكروسوفىت ئالدىنقى يىلى چىقارغان NOKIA 230 ئەمەلىي بولغان باھاسى ۋە دەرىجىدىن تاش...
05-05-2016
     6-ئايدىكى ئالما WWDC ئاچقۇچىلار يىغىنىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، iOS 10 غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ھازىر چەتئەل تاراتقۇلىرى چىقارغان ئەڭ يېڭى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئالما iOS 10 دا بىر مۇھىم تەڭشە...
05-05-2016
    ئەنگىلىيەدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلار 3- ماي گۇگولنىڭ قارمىقىدىكى بىر شىركەتنىڭ بىمارلار ھېچنىمىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەنگىلىيەدىكى ئۈچ دوختۇرخانىدىن 1 مىليون 600 مىڭ بىمارنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرىنى ئىگىلىگەن.  ...
Powered by Leglek