مالې ئاھالىلىرىنىڭ سۇ قىس بولۇش قىيىنچىلىقىدىن ئۆتۈۋېلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 40 توننا مىنېرال سۇن قاچىلانغان «يىل 76» بەلگىلىك ئىككى ئايروپىلانى 8-دېكابىر سەھەردە مالدېۋىنىڭ پايتەختى مالېغا يېتىپ باردى. مالدېۋى سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ گېنېراتورى 4-دېكابىر ئوت كېتىش سەۋەبلىك كاشىلىغا ئۇچراپ، مالې شەھىرىدە سۇ توختاپ قالدى.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى دەرھال قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى. مالدېۋى ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى مالدېۋىغا جىددىي نەق پۇل ۋە ئىچىملىك سۇ ياردىمى بەردى. خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئارقىلىق بوتۇلكىلىق سۇ يەتكۈزۈپ بەردى. بۇندىن باشقا ھىندى ئوكياندا دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ چاڭشىڭداۋ ناملىق قۇتقۇزۇش پاراخوتى مالېغا يېتىپ باردى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved