تۈنۈگۈن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسى» كۈچكە ئىگە بولغانلىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆز قىلىپ: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر، ھەر قايسى تەرەپلەر قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، خەلققە بەخت يارىتىشى كېرەك دېدى.
بان كىمون مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندا دۇنيا خەلقىگە ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە ھاقارەت قىلىشنى توختىتىش، كۆپچىلىككە باشلامچىلىق قىلىپ تېخىمۇ گۈزەل بولغان كەلگۈسى يارىتىش ھەققىدە سەلتەنەتلىك ۋەدە بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى بۈگۈنگىچە ئەڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باراۋەرسىزلىك، رەھىمسىز جازا ھەمدە ئېرىقچىلىقنى يۇقىتىش قاتارلىقلار ھەققىدە تۈرلۈك ئەھدىنامىلەرنى تۈزۈپ، خەلقنى قوغدىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved