رۇسىيە بىلەن غەرپ ئەللىرى ئارىسىدىكى جىددى ۋەزىيەت يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، گۇگېل، مىكروسوفت ۋە Adobe قاتارلىق شىركەتلەر خادىملىرىنى ۋە بايلىقلىرىنى رۇسىيىدىن چېكىندۈرۈشكە باشلىغان، شۇنداقلا رۇسىيىنىڭ كېيىنكى ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان يېڭى تەكشۈرۈش تۈزۈمىگە دىققەت قىلغان. iTWire نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇگېل شىركىتى رۇسىيىدىكى تەتقىقات ۋە ئېچىش خىزمىتىنى توختاتقان، شۇنداقلا تېخنىك خادىملىرىنى رۇسىيىدىن چېكىندۈرۈپ چىققان. رۇسىيىدىن چېكىنىپ چىققان شىركەتلەر يالغۇز گۇگېل شىركىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە مىكرو سوفت شىركىتىمۇ رۇسىيدىن Skype ئېچىش گۇرۇپپىسىنى چېكىندۈرۈپ چىققان، Adobe شىركىتىمۇ رۇسىيىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققان.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ غەرىپ ئەللىرى، خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەر ۋە ئېنتېرنېت تورىغا بولغان گۇمانى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. بۇ يىل 4-ئايدا پۇتىن ئېنتېرنېت تورىنى CIA نىڭ بىر قالپىقى دەپ ئاتىغان. پۇتىن يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ئېنتېرنېت تورىنىڭ كېلىش مەنبەسى بولسا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە پەن-تېخنىكا ئورگانلىرى مەخسۇس ئىشلىتىدىغان توردىن تەرەققى قىلىپ كەلگەن، شۇڭا رۇسىيە تەرەپ گۇگېلنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلىشى لازىم، چۈنكى گۇگېلنىڭ ئېقىم مىقدارى پەقەت ئامېرىكىدىن ئۆتىدۇ شۇنداقلا ئامېرىكا تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدۇ.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا پۇتىن بىر تۈرلۈك قانۇن لاھىيىسىگە ئىمزا قويۇپ، چەتئەل تېخنىكا شىركەتلىرىدىن ئۇلار توپلىغان رۇسىيە پۇقرالىرىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى رۇسىيىگە قۇرغان سانلىق مەلۇمات مەركىزىدە ساقلاشنى تەلەپ قىلغان، گەرچە بۇ قانۇن لاھىيىسى 2016-يىلى 9- ئايدا كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولسىمۇ، لېكىن پۇتىن ۋاقىتنى ئالدىغا سۈرۈپ 2015-يىلى 1- ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا پەرمان چۈشۈرگەن.يېڭى قانۇنى بەلگىلىمىگە بويسۇنۇس ئۈچۈن، Faceboo ۋە Twitter قاتارلىق شىركەتلەر بەلكىم رۇسىيىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى رۇسىيىدىكى مۇلازىمىتىرىدا ساقلىشى مۇمكىن، بۇ ئۇلارنىڭ رۇسىيىدىكى مۇلازىمىتىرىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، سىرتقى دۇنيادىكىلەر رۇسىيىنىڭ مۇلازىمىتېر ۋە ساقلىغۇچقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved