ئىنسانلار ئارىسىدىكى پاجىئە! مېكسىكىدا 20 نەچچە ياشلىق بىر قىز ناھايىتى ئېچىنىشلىق تەقدىرگە ئۇچرىغان، ئۇ 80 نەچچە ئەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا مەجبۇر قىلىنغان. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، ئۇ ئون ياش ۋاقتىدىلا ئۆز جەمەتى تەرىپىدىن ئوتقا ئىتتىرىلگەن، يەنى ئىپپىتىنى سېتىشقا تايىنىپ ئازغىنە كىرىم قىلغان، ناۋادا بۇ قىز ئۇنداق قىلىشنى خالىمىسا تاياق يەپ دۇمبالانغان، 13 ياش ۋاقتىدا شۇ سەۋەبلىك ھامىلدار بولۇپ قالغان، بىراق دادىسىنىڭ كىملىكى نامەلۇم، ئۇنىڭ تۇرمۇشى راستىنلا ناھايىتى ئېگىز-پەس.
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قىزنىڭ ئىسمى ئالىسىيا ئىكەن. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، سەككىز ياش چېغىدىلا قاۋاقخانىغا كىرىپ ياردەملىشىشكە مەجبۇر بولغان، ئەمەلىيەتتە قاۋاقخانىدىكى ئەر مېھمانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغان؛ 10 ياش ۋاقىتلىرىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى باشقا بىر قاۋاقخانىغا سېتىۋەتكەن، شۇندىن ئېتىۋارەن بۇ قىز زىنداندا ياشىغاندەك تۇرمۇش كەچۈرگەن، كۈندە مېھمان كۈتۈشكە مەجبۇر بولغان.
ئالىسىيانىڭ دېيىشىچە، ئۇ كۈندە ئاز دېگەندە ئون قېتىم جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرايدىكەن، ناۋادا بويسۇنمىسا قاتتىق دۇمبالىنىدىكەن، ھەتتا ئۇنى بەش كۈنگىچە سوغۇق سۇغا چىلاپ قويۇپ، تاماق يېيىشىگە رۇخسەت قىلمىغان، بۇ قىز ھاقارەتكە چىدىماي ئۈچ قېتىم بېغىشىنى كېسىۋالغان. 13 ياش ۋاقىتلىرىدا، ئالىسىيا ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان، ئۇ ناھايىتى ئاچچىقلانغان، ئۇ بالىنىڭ دادىسىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىگەن، «ئىشقىلىپ ئاشۇ 80 ئادەم ئىچىدىكى مەلۇم بىرسى».
ئالىسىيا ھامىلدار بولغاندىن كېيىنمۇ قاۋاقخانا خوجايىنى ئۇنى ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلىغان، بۇ قىزنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلە ئالتە ئايلىق بولغاندا، قاۋاقخانا تەرەپ ئاندىن «بىراك مال» قاتارىدا ئۇنى ئۆيىگە ماڭدۇرۇۋەتكەن. ئويلىمىغان ئىش شۇكى، بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى يەنە سېتىۋەتكەن، ھەمدە ئايال ئەمەلدارغا قۇل قىلىپ بەرگەن؛ ئالىسىيا شۇندىن ئېتىۋارەن يەنە ئادەمدەك ياشىيالمىغان، بالىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرغاندىن باشقا، ئۇ يەنە كۈنىگە 18 سائەت خىزمەت قىلغان. كېچىلىرى بولسا تۆمۈر كىشەن بىلەن كىشەنلەپ قويۇلغان.
تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى لوپېز بولمىسىلا ئالىسىيا لوپېزنىڭ ئوغلىنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرايدىكەن، ھەتتا قاتتىق دۇمبالىنىدىكەن ۋە زەھەر چېكىشكە مەجبۇرلىنىدىكەن، بۇنداق ئىش ئىككى يىل داۋاملاشقان. ئاخىرىدا، ئالىسىيا كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن كېپىللىك بېرىلىپ قۇتقۇزۇپ چىقىلغان، لوپېز ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئادەم ئەتكەس قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەمدى 20 يىللىق قاماققا مەھكۇم بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved