مېيزۇ شىركىتى بۈگۈن چۈشتىن كىيىن بۇ يىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «مۇزىكانتلار ئۈزۈم ھارىقى تۈرى» (musician wine project) نى ئوتتۇرىغا قويغان، يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇنقى سۆھبەت باسقۇچىدا، مېيزۇ شىركىتى 2015-يىللىق سېتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.
مېيزۇ شىركىتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، مېيزۇ يانفونلىرىنىڭ 2015-يىللىق سېتىلىش مىقدارى ئاللىقاچان 20 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، گەرچە «گىگانت كارخانىلار» بىلەن تەڭ بولالمىسىمۇ، ئەمما 2014-يىلىدىكى 4.4 مىليونغا سېلىشتۇرغاندا، ئېشىش نىسبىتى %350 گە يەتكەن!
مېيزۇ شىركىتى بۇ يىل كىرگەندىن كىيىن، بۇرۇنقى «ئاز، ساز بولۇش» نى قوغلىشىشتەك جەڭ ئىستىراتىگىيەسىدىن ۋاز كېچىپ، دادىللىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتكەن، مەبلەغ سېلىنمىسىنىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.
ئالدىنقى بەش ئاي ئىچىدە، مېيزۇ پەقەت مېيلەندىن ئىبارەت بىرلا نۇسخىدىكى مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، ئەمما 6-ئايدىن باشلاپ، مېيزۇ رەسمىي «ئەسەبىيلىشىش» كە باشلىغان، ئاساسەن ھەر ئايدا بىر قېتىم دېگۈدەك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئارقا-ئارقىدىن مېيلەن Note 2، مېيزۇ MX5، مېيلەن 2، مېيزۇ PRO 5 ۋە مېيلەن Metal قاتارلىق بەش كوزۇرلۇق مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلغان، ھەمدە MX، PRO ۋە مېيلەندىن ئىبارەت ئۈچ مۇكەممەل مەھسۇلات لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرگەن.
مۇشۇ بويىچە ماڭسا، 2016-يىلىدىكى مېيزۇ قانچىلىك «قورقۇنچلۇق» بولۇپ كېتەر؟
![]() |
Spendwalle تەتقىقات قوشۇنى يېقىندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرونلۇق ھەميانغا ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان MFE ماگنىت مەيدانى تېخنىكىسىنى ئېلان قىلدى.
Spendwallet نىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئەنئەنىۋىي NFC تېخن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved