«پلانېتلار ئۇرۇشى7» 18-دېكابىر شىمالى ئامېرىكىدا رەسمىي قويۇلغاندىن بۇيان، شىمالى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى، تاق كۈنلۈك بېلەت كىرىمى، كېچىلىك مەيدان بېلەت كىرىمى قاتارلىق بېلەت كىرىمى رېكورتىنى ئۇدا يېڭىلىدى. ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۈر بۇزۇلمىغاندەك قىلىدۇ، ئۇ دەل بۇ يىل 6-ئايدا قويۇلغان «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» ساقلاپ كېلىۋاتقان يەرشارى تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى رېكورتى.
«پلانېتلار ئۇرۇشى7» نىڭ يەرشارى تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى ئېنىقسىز ھېساب بويىچە 517 مىلىيون دوللارغا يېتىپ، «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ 524 مىلىيون دوللارلىق بېلەت كىرىمىدىن تۆۋەن تۇردى. ئەمما «پلانېتلار ئۇرۇشى 7» نىڭ ئەڭ ئاخىرىقى توغرا بېلەت كىرىمىنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ، بۇ بىر تۈرلۈك رېكورتمۇ ئەڭ ئاخىرىدا بۇزۇلدى، فىلىمنىڭ يەرشارى تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى 528 مىلىيون دوللار-«يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭكىدىن 4 مىلىيون دوللار ئارتۇق.
بۇ بىر رېكورتنىڭ بۇزۇلىشى فىلىمغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا دەرۋەقە بىر خوش خەۋەر، بولۇپمۇ فىلىمنىڭ تېخى جۇڭگودا قويۇلمىغانلىقىنى ئويلاشقاندا، ئەكىسچە «يۇرا ئېراسى دۇنياسى» نىڭ يەرشارى تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى جۇڭگو بازىرىدا ئېرىشكەن بېلەت كىرىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«پلانېتلار ئۇرۇشى 7» نىڭ «كۆپ چىققان» يەرشارى بېلەت كىرىمىنىڭ بىر قىسىمى چەتئەل بېلەت كىرىمىدا كۆپەيگەن 3 مىلىيون دوللار (چەتئەل ئومۇمى بېلەت كىرىمى ئەڭ ئاخىرىدا 281 مىلىيون دوللارغا يەتتى)؛ بۇندىن سىرت شىمالى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى ھەپتە ئاخىرى توغرا بېلەت كىرىمى سانى چىقىپ، فىلىمنىڭ رېكورتى بۇندىن ئىلگىرىكى 238 مىلىيون دوللاردىن 247 مىلىيون دوللارغا تەڭشەلدى-ئەلۋەتتە بۇ سان ئورگان سانلىق مەلۇماتى چىققاندىن كېيىن يەنە تەڭشىلىشى مۇمكىن.
يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى «پلانېتلار ئۇرۇشى7» نىڭ باشلىنىش ئىپادىسى، فىلىم 1-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگودا قويۇلىدۇ، يەرشارى ئىككىنچى چوڭ بېلەت كىرىمى بازىرىنىڭ ئىپادىسىنى كۈتۈشكە ئىنتايىن ئەرزىيدۇ. ئوخشاشلا، فىلىمنىڭ شىمالى ئامېرىكىدىكى ئىپادىسى ياخشى قارالدى، ياۋروپا رايونىنىڭ روجىستوۋلۇق دەم ئېلىش مەزگىلى بۇ فىلىم ئۈچۈن داۋاملىق رېكورت يېڭىلايدىغان ۋاقىت تەمىنلەيدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، «پلانېتلار ئۇرۇشى7» بىزگە قالدۇرغان ئەڭ چوڭ سۇئال بولسا:«ئۇ «ئاۋاتار» نىڭ 2.7 مىلىيارد دوللارلىق يەرشارى بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزالامدۇ-يوق؟»
«پلانېتلار ئۇرۇشى 7» بۇزغان رېكورتلار:
پەيشەنبە كۈنلۈك مۇددەتتىن بۇرۇنقى مەيدان رېكورتى: 57 مىلىيون دوللار
جۈمە كۈنلۈك بېلەت كىرىمى ۋە تاق كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى رېكورتى: 120 مىلىيون دوللار
تۇنجى تاق كۈنلۈك بېلەت كىرىمى يۈز مىلىيون دوللاردىن ئاشقان فىلىم
ئەڭ تېز سۈرئەتتە بېلەت كىرىمى 100 مىلىيون دوللار ۋە 200 مىلىيون دوللاردىن ئاشقان فىلىم
12-ئايدا تۇنجى قويۇلغان فىلىم بېلەت رېكورتى، ئەسلى رېكورتنى ساقلىغۇچى «خوبىتلار: تاسادىپىي سەپەر» 84.60 مىلىيون دوللارنىڭ ئۈچ ھەسسىگە يېقىنلىشىدۇ.
IMAX كېچىلىك مەيدان ئەڭ يۇقىرى تاق كۈنلۈك بېلەت كىرىمى (14 مىلىيون دوللار) ۋە تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى رېكورتى (30.10 مىلىيون دوللار)
چوڭ كۆلەمدە قويۇلغان فىلىمنىڭ تاق كىنوخانا رېكورتى: 57500 دوللار
ئەنگىلىيە، ئاۋىستىرالىيە، روسىيە، گېرمانىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە، فىنلاندىيە، ئاۋىستىرىيە، پولشا، دانىيە، رۇمىنىيە، ۋىنگىرىيە، بۇلغارىيە، كرودىيە، ئۇكرائىنا، ئارال دۆلەت، سېربىيە، يېڭى زىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتنىڭ تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزدى، فرانسىيە، بېلگىيە، ئىسرائىلىيە، چىلىدا تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى تارىخىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.
IMAX يەر شارى تۇنجى ھەپتە بېلەت كىرىمى رېكورتى 48 مىلىيون دوللار
شىمالى ئامېرىكا تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى رېكورتى 247 مىلىيون دوللار
يەرشارى تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى رېكورتى 528 مىلىيون دوللار
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved