جۇڭگو خەۋەرلەر تورى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
مانېۋىر جەريانى: جامائەت خەۋىپسىزلىك خادىملىرى دەرھال يىغىلىپ، چىلانلىقتا گىلەمسىمان قورشاپ تۇتۇش مەشىقى قىلماقتا. ياڭ ۋېن خاۋ فوتوسى
مانېۋىر مەشىقىگە قاتناشقان دېھقانلار ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە، قولىغا قوغدىنىش قوراللىرىنى ئېلىپ، "تېرورچىلار" يۇشۇرۇنىۋالغان چىلانلىققا قاراپ ماڭماقتا. ياڭ ۋېن خاۋ فوتۇسى
مانېۋىر مەشىقىگە قاتناشقان دېھقانلار ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە، قولىغا قوغدىنىش قوراللىرىنى ئېلىپ، "تېرورچىلار" يۇشۇرۇنىۋالغان چىلانلىقنى قاتتىق ماھاسىرىگە ئالماقتا. ياڭ ۋېن خاۋ فوتۇسى
جوڭگۇ خەۋەرلەر تورى ئۈرۈمچىدىن 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئەۋەتكەن خەۋىرى. 1- چىسلا تۇرپان توخسۇن ناھىيەسىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگەللىنىشىچە، 8 – ئاينىڭ 31 - كۈنى توخسۇن ناھىيەسىنىڭ يىلانلىق بازىرىدا تېرورچىلارغا قارشى جىددىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن. نەچچە مىڭلىغان خەلق ئاممىسى جامائەت خەۋىپسىزلىك خادىملىرى بىلەن بىرسەپ بولۇپ بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا قاتناشقان.
ئىگەللىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: يىلانلىق بازىرى ساقچىخانىسىنىڭ ھوجۇمغا ئۇچۇرىشى بولۇپ ، ساقچىخانا خادىملىرى بۇ ۋەقەنى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلىدۇ. 3 نەپەر "تېرورچى" قىچىپ كېتىپ، يېقىن ئەتىراپتىكى بىر چىلانلىق باغقا يۇشۇرۇنىۋالىدۇ. ئارقېدىنلا خەۋىپسىزلىك خادىملىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، تېرورچىلارغا قارشى جىددى لايىھە تۈزۈلۈپ، قورشاپ تۇتۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ.
مانېۋىر جەريانىدا جامائەت خەۋىپسىزلىك خادىملىرى بۇيرۇقنى تاپشۇرىۋالغان ھامان دەرھال يىغىلىپ، چىلانلىق باغنى گىلەمسىمان ھالەتتە قورشاپ تۇتۇشقا ئاتلانغان. بىرلا ۋاقىتتا، يىلانلىق بازىرى پارتېكومى، ھۆكۈمەت نەچچە مىڭلىغان خەلق ئاممىسىنى جىددىي تەشكىللەپ، قوللىرىغا كالتەك، گۈرجەك، ئوتىغۇچ، كەتمەن، پولات چىۋىق، نەيزە قاتارلىق قوغدىنىش قوراللىرىنى ئېلىشىپ، قورشاپ تۇتۇش ئەتىرىتىگە قاتنىشىشقا چاقىرغان. مانېۋىرغا قاتناشقان دىھقانلار ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىك خادىملىرى چىلانلىق باغقا دەرھال ئاتلىنىپ، قوغدىنىش قوراللىرىنى ئېلىپ، بىرلىكتە "تېرورچىلار" يۇشۇرۇنىۋالغان چىلانلىق باغنى مۇستەھكەم قورشىۋالغان. 30 مېنۇتلۇق ئىزدەپ تۇتۇش ھەركىتىدىن كېيىن، تېرورچىلار ئوڭۇشلۇق قولغا چۈشۈرۈلگەن.
ئىگەللىنىشىچە، بۇ يىل 8 – ئايدا توخسۇن ناھىيەسىدە "ئېچىش، سۆكۈش، قىزىش، سۆزلەش، تەكشۈرۈش" پائالىيىتى تەشكىللەنگەن بولۇپ، توخسۇن ناھىيەسىدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرى ئاكتىپ ماسلاشقان. "ھەممە ئادەم سۆزلەپ ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىددىيەنى ساپلاشتۇرۇش ، دىننى ئاشقۇنلار ۋە تېرورچىلارنىڭ ئەپتى – بەشرىسىنى تولۇق ئېچىىپ، گۇناھسىز كىشىلەرنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈشىدەك ئىنسان قىلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرىنى سۆكۈش، جەمئىيەت مۇقۇملىقىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىش ۋە شەخسلەرنى مەلۇم قىلىش، ئەتىراپتىكى ھەرىكەتلىرى گۇمانلىق كىشىلەر ۋە بىنورمال ئىجتېمائىي ئالاقىلەرنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش " قاتارلىقلارنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، "ھەممە ئادەم ھەرىكەتكەن ئۆتكەن ، ھەممە ئادەم بىر نىيەتكە كەلگەن " جەمئىيەت مۇقۇملىقىنى قوغداش مۇستەھكەم سېپىنى شەكىللەندۈرگەن.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved