جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23- مارتتىكى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 23- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىقتىساد چېكىنىشنىڭ تەسىرىدە، رۇسىيەدىكى نامراتلىق نىسبىتى توققۇز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى تۆت پەسىلدىكى نامراتلىق سىزىقى ئايلىق كىرىمى 9452 رۇبلىدىن ئاز بولۇشنى ئاساس قىلغان. رۇسىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى 19 مىليون 200 مىڭ رۇسىيەلىكنىڭ تۇرمۇشى نامراتلىق سىزىقىدا تۇرغان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %13.4 ىنى ئىگىلىگەن.
مەزكۇر سان ئالدىنقى 2014-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %20 ئاشقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تۇرمۇشى نامراتلىق سىزىقىدا تۇرۇۋاتقان رۇسىيەلىكلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 16 مىليون 100 بولغان. غەربنىڭ جازاسىغا نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشى قوشۇلۇپ، ئېنېرگىيەگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالغان رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئىقتىسادنىڭ بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغان %3.7 پىرسەنت چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىراق، 2015-يىلدىكى نامراتلىق نىسبىتى پۇتىن 2000-يىلى تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ۋاقىتتىكىدىن تۆۋەن بولغان. ئەينى ۋاقىتتا %29 رۇسىيەلىكنىڭ تۇرمۇشى نامراتلىق سىزىقىدا تۇرغان ئىكەن. گەرچە ئىقتىساد ئۇدا چۈشۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق موسكۋادىكى مۇستەقىل ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى لېۋادا مەركىزىنىڭ 21-مارت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە يەنىلا %73 رۇسىيەلىك پۇتىنغا ئىشىنىدىكەن. بۇ سان گەرچە بۇلتۇرقى %83 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق بۇ يەنىلا نىسبەتەن يۇقىرى قوللاش نىسبىتى ھېسابلىنىدىكەن. ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ %65 ى پۇتىننىڭ يەنە بىر نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن، بۇ سان بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %8 ئاشقان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved