ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 19-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىندا ، مىسىرنىڭ قەدىمىي شەھىرى ئامارنادا ئۈچ مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان ئايالنىڭ باش سۆڭىكى قېزىلىپ چىقىرىلغان بولۇپ ، 70 تالدىن ئارتۇق ئۇلىغان ئۆرۈم چېچى بار ئىكەن . بۇ باش سۆڭەڭ يېقىندا قېزىپ چىقىلغان يۈزدىن ئارتۇق قالدۇق سۆڭەڭنىڭ بىرى بولۇپ ، قالدۇق سۆڭەڭلەرنىڭ ھەممىسى بىر بورىغا ئوراپ ساقلانغان ئىكەن .نۆۋەتتە ، ئارخېئولوگلار بۇ ئايالنىڭ ئىسمى ، يېشى ۋە كەسپى توغرىسىدا تېخى ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىم قېزىپ چىقىرىلغان باش سۆڭەڭلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ھەر خىل چاچ قىسقۇچلار بار بولۇپ . بەزىلىرىدە ئۆرۈلگەن ، ھەتتا بۈدۈر قىلىنغان چاچلارمۇ ئۆز ئەينى ساقلىنىپ قالغان . بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر باش سۆڭىكىدىكى چاچقا ھەتتا باشقا ئادەملەرنىڭ كۈل رەڭ ۋە قارا رەڭلىك چاچلىرى ئۇلانغان ئىكەن .
ئارخېئولوگ يولاندا بوس : بۇ ئاياللارنىڭ چاچ ئۇلىتىشى دەپنە قىلىشتىن بۇرۇنقى ‹‹ پەردازلاش ›› مۇ ياكى ھايات ۋاقتىدىكى چاچ گۈزەللەشتۇرۇشىمۇ ؟ بۇ بىز ئۈچۈن بىر سىر ، دېگەن . ئىگىلىنىشىچە ، قېزىپ چىقىرىلغان باش سۆڭەكلەردىكى چاچلار قارا ۋە قوڭۇر رەڭدە بولۇپ ، بۇ شۇ رايوندا ياشىغانلارنىڭ ھەر خىل ئىرقتىن ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن .
بىلۇمبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نېفىت بازىرىنىڭ خارابلىشىشى رۇسىيەدە ساقلىنىپ قالغان باشقا ساھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلار گۈللەپ ياشناش ئۇسۇلىنى تاپتى.
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن مالىيە...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved