‹‹جيۇيۈەن›› ئاۋىياتسىيەسىنىڭ غۇلجا-ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى. شۇ كنى، 147 يولوچى ئولتۇرغان يىپيېڭى بوئىن 737-800 تىپلىق يولوچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ، غۇلجا ئايرودرومىغا بىخەتەر قوندى. بۇ شىنجاڭلىقلارغا نىسبەتەن، تۆۋەن تەننەرخلىق ئۇچۇشنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يېڭى لىنىيەدە بوئىن 737-800 تىپلىق يولوچىلار ئايروپىلانى كۈندە ئۇچىدىغان بولۇپ، 189 يولوچى ئولتۇرالايدىكەن، شۇ كۈنى بېرىپ قايتىپ كېلەلەيدىكەن. كونكرېت ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17:55 تە غۇلجا ئايرودرومىدىن ئۇچۇپ، 19:15 تە ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا قونىدىكەن. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، غۇلجىلىق يولوچىلار ئۈرۈمچى ئارقىلىق شۇ ئايروپىلاندا گۇاڭجوۋغا بارالايدىكەن. بۇ ئۈرۈمچى-غۇلجا ئىككى جاي ئارىسىدىكى تۇنجى تۆۋەن تەننەرخلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى تۇنجى تۆۋەن تەننەرخلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ‹‹جيۇيۈەن›› ئاۋىياتسىيە شىركىتى قەرەلسىز ھالدا توققۇز يۈەنلىك، 99 يۈەنلىك ئالاھىدە باھالىق بېلەتلەرنى قولغا قويىدىكەن. ئالاھىدە بېلەتنى ‹‹جيۇيۈەن›› ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈندىدار مۇلازىمەت سۇپىسى، يانفون ئەپ تېرمىنالى ئارقىلىق سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. يەنە ئالاھىدە بېلەتتىن باشقا، ئادەتتىكى ئۆلچەملىك ئايروپىلان بېكىتىنىڭ باھاسىمۇ شۇ خىل كەسىپتىكىلەرنىڭ سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved