جاھان ئاگېنتلىقى 25-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق ئارمىيىسى ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى جايلاشقان تىكرىتنىڭ بەيجى رايۇنىنى تېرور تەشكىلاتى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىدىن قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىدى. ئىراق دۆلەتلىك تېلىۋىزىيەسىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ھەرىكەتكە ئىراق ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە شىئەلەردىن تەشكىللەنگەن «ھەشد ئەل شەئبى» قۇراللىقلىرىمۇ قاتنىشىدىكەن. مەزكۇر قۇراللىق گۇرۇپپىنىڭ قۇماندانى جەۋاد ئەل تۇلەيباۋى مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە، ئىراق ئارمىيىسى ۋە ساقچىلار تەشكىللىك باشلىغان بۇ ھەرىكەتنىڭ نىشانىنىڭ، تىكرتىنىڭ شىمالىدىكى بەيجى رايۇنى ۋە بىر قانچە يېزىلارنىڭ ئەسەبى تەشكىلاتتىن قايتۇرۋېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بەيجى رايۇنى مەمۇرى باشقۇرۇش خادىمى مۇھەممەد مەھمۇد، ئارمىيە قىىسملىرىنىڭ بەيجى رايۇنىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايۇنلارنى قايتۇرۋالغانلىقىنى، نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ تامامەن قايتۇرۋېلىنىشى ئۈچۈن مەزلۇم ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادى ئۆتكەن مارت ئېيىدا سالاھۇددىن ۋىلايىتى مەركىزى تىكرىتنى ئەسەبى تەشكىلاتتىن قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن، ۋە تىكرىت رايۇنى ئىراق ئارمىيسىنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتكەن. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى جايلاشقان بەيجى رايۇنىنىڭ بىر قىسمى بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئەسەبي تەشكىلاتنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئەسەبى تەشكىلات بەيجى رايۇنىنى تامامەن كونترول قىلىش ئۈچۈن رايۇنغا پات-پات ھۇجۇم قوزغىماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved