بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن Ron Sheppard مۇھەببەت يولىدا ناھايىتى مەغرۇرانە بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ سەككىزىنچى ئايالى بىلەن ئاجراشماقچى بولۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇ 27 ياشلىق يېڭى قىز دوستىغا توي تەكلىپى قويدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئىككى قىزى بەكلا خاپا بولدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر دادىسى بولغانلىقىدىن نومۇس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە دادىسى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى قارار قىلدى.
Ron ياقتۇرۇپ قالغان توققۇزىنچى ئايالى Cristal Marquez بىر فىلىپپىنلىك بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە فىلىپپىن چاقىرىش مەركىزىنىڭ خادىمى، رومدىن 40 ياش كىچىك. يېقىنقى يېڭى يىل كېچىسىدە، Ron روژدېستىۋو بايرىمىدا 27 ياشلىق قىز دوستىغا توي تەكلىپى قويۇپ قىزنىڭ رازىلىقىنى ئالدى، ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ يېڭى ئايالى بىلەن تېز سۈرئەتتە توي قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.
Ron نىڭ چوڭ قىزى Sue Feldt بۇ يىل 48 ياشتا، ئۇ Ron نىڭ تۇنجى ئايالى Margaret دىن تۇغۇلغان ئۈچ بالىنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ ھازىرقى ئايالى Weng دىن ناھايىتى مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇ Weng نىڭ ئىزچىل تۈردە دادىسىغا ناھايىتى كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان دادىسى ئاياللارنى ئويۇنچۇق قىلىپ، ئىزچىل تۈردە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا قىزلارنى ئازدۇرۇپ يۈردى.
Ron بىلەن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزمەكچى بولغان يەنە بىر قىز بولسا 32 ياشلىق McMullen، McMullen ئۆزىنىڭ 18 ئايلىق بولغان ۋاقىتتا دادىسىنىڭ ئاپىسى بىلەن ئاجراشقانلىقىنى ئېيتتى. بىچارە ئانا Kathy ئۆزىنى ئۇنىڭ ئىككىنچى ئايالى دەپ ئويلاپ يۈرگەنىدى، ئەمما ئۇ ئۇنىڭ تۆتىنچى ئايالى بولۇپ چىقتى. McMullen بۇنىڭدىن كېيىن دادىسى بىلەن ئالاقىنى ئۈزىدىغانلىقىنى، پەقەت دادىسى ئۆلگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقىلى بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭدىن باشقا، Ron Sheppard ئۆزىنىڭ پەقەت يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ھازىر ئۆزىنىڭ مۇھەببەت بىلەن ئائىلە ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتتە قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇنىڭ بىردىنبىر ئىشىنىدىغىنى، بالا ئۈچۈن بىر ئائىلىنى داۋاملاشتۇرۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزچىل تۈردە بالىلىرىنى ساقلاپ قالالمىغانلىقىدىن ئۆكۈنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved