ئاساسىي نۇقتا : بۇ يىغىندا شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئىنچىكە ھالقىلار تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇلغان ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاددىي ۋە مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان
مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 28-چېسىلادىن 29-چېسىلاغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى .مەركىزى كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى ،دۆلەت رەئىسى مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى :
‹دىڭ شىياۋپىڭ نەزىرىيىسى ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىسى ،ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ ،پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت ۋە يۆنىلىشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ،جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىناق ئەمنىلىكىدىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا ، شىنجاڭنىڭ تۈزەش سېسېتىمىسى ۋە تۈزەش ئىسلاھاتىنىڭ ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىش ،ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىش ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەسەبىي دىنىي ئىدىيىلەرنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ، شىنجاڭدا قانۇن بويىچە تۈزەش ،ئىتتىپاقلىشىپ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ،شىنجاڭنى ئۇزاق مۇددەت قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ ،ئىتتىپاق ئىناق گۈللەنگەن ۋە باي مەدەنىيىتى ئالغا باسقان خەلقى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك .›.
مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىيرۇ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ،گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچىياڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ،ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا سۆز قىلدى .مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىرۇسىنىڭ ئەزاسى ،مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ يىغىن ئاخىرلاشقاندا سۆز قىلدى .يىغىنغا مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىرۇ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ دېجىياڭ ، ۋاڭ چىشەن ..قاتارلىقلار قاتناشتى .بۇ قېتىمقى يىغىنىدا مەركەزنىڭ 201-يىللىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلاندى . شىنجاڭ ۋەزىيىتى ئىلمىي تەھلىل قىلىندى .شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ،ئاساسلىق تەلىپى ئاساسلىق يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ ،نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى
.
شى جىنپىڭ سۆز قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :‹شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشى .ئىستىراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ ،ئاساسنى مۇستەھكەملەپ ،ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك .پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى ، بىر قاتار سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ،جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ،چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشتە تارىخى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ،پارتىيىنىڭ شىنجاڭنى تۈزەش فاڭجېن ئىستىراتىگىيسىنى توغرا ، بۇنىڭدا ئۇزاق مۇددەت قەتئىي چىڭ تۇرۇش،ۋە ئىستىراتېگىيىلىك تەدبىرلەرنى يولغا قۇيۇش كېرەك .شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ۋە پارتىيىنىڭ شىنجاڭنى تۈزەش ئىستىراتېگىيە فاڭجېنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ ،ئۇزاق مۇددەت شىنجاڭ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئاساسنى مۇستەھكەملەش ،كەلگۈسى تەرەققىياتقا پايدىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ ،جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك .ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىدىكى باش نىشان ،زوراۋانلىق تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشنى نۆۋەتتىكى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ ،سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ،ئامما ئالدىنى ئېلىش ،ئامما تۈزەش ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ ،مۇستەھكەم قورغان ،ئاسماندا تور يەردە قاپقان قۇرۇش دۆلەت ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى سەپنى بىرلەشتۇرۇپ ،خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك .
شىنجاڭدا ئۇزاق مۇددەتلىىكى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى ،مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانسېرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ،ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ،جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشتەك مۇستەھكەم سېپىلنى بەرپا قىلىش كېرەك .پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە مىللىي تېرتورىيلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشى كېرەك .مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق تومۇرى ،مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ،ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا دۆلەت ئېڭى ، پۇقرا ئېڭى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىك ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ،ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ،ھەر بىر مىللەت ھەر بىر پۇقرانى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ۋەتەننى گۈللىنىش تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن بەھرىمان قىلىش كېرەك .
ھەر مىللەت خەلقى ئۆز ئارا چۈشىنىپ ،ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ ئۆز ئارا سىغدۇرۇپ ،ئۆز ئارا بەھرىلىنىپ ،ئۆز ئارا ئۆگىنىپ ،ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ ئانار ئۇرۇقىغا ئوخشاش زىچ بىرلىشىش كېرەك .مىللەتلەر ئالاقىسى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ تۈرلۈك شەكىلدىكى ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قانات يايدۇرۇپ قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،ھەر مىللەت خەلقى ئۆز ئارا گىرەلەشكەن شەكىلدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ،مەھەللە مۇھىتىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنى ئىچكى جايلارغا بېرىپ تەربىيىلىنىش ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئولتۇراقلىشىش كۆلىمىنى تەدىرىجىي كېڭەيتىپ ،ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىشلەپ چىقىرىش ،ئورتاق ياشاش ۋە خىزمەت قىلىش ئۆگىنىش جەريانىدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك .›
.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى :‹دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئىشلەپ ،دىن بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ ،دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك . ،دىنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي پرىنسىپ قانۇنغا ئۇيغۇن بۇلىشىنى قوغداپ ،قانۇنسىزلىقنى چەكلەش ۋە قانۇنسىزلىقنى توسۇپ ،ئۇلارنىڭ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ،جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ ،دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ،دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ساۋاتلارنى توغرا ئىگىلەشتىكى قانۇنلۇق يولىنى مۇقىم كېڭەيتىش كېرەك .
ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ ،كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ،دىنىي زاتلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ،دىنىي تەشكىلاتلار رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ قولىدا چىڭ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ›.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :‹شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ،يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ،ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە نامايان قىلىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك . ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇپ ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تەرتىپلىك ھالدا شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ،ئۆز جايىدا يېقىن يەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ، يۇرتىغا قايتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك ، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇشتا چىڭ تۇرۇپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ، ئوقۇشقا كىرىش نۇقتىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ ،ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش كېرەك ،تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى مائارىپ ساھەسىگە ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىش كېرەك .نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ،دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرى چېگرا رايونلار ،ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشلەر توپىغا نۇقتىلىق يۈزلىنىش نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت مىخانىزىمىنى قۇرۇپ ،نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىمنى تەپسىلىي چوڭقۇر ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك .
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا دۆلەت قاتلىمى نۇقتىسىدىن چوققا قاتلام لايىھىسىنى تۈزۈپ ،ئالاھىدە سىياسەت تۈزۈپ ،كونا سىياسەتنى بۇزۇپ تاشلاپ ،ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش كېرەك .شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىسى جەزمەن ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش ،شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغان قۇرۇلۇش قىلىش ،شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن مۇقىملىقنى ساقلاپ ،بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىپ ،تۈپ ئۇل ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەردە كۈچ چىقىرىش كېرەك .ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا توغرا بولغان ،ۋەتەن قارىشى مىللەت قارىشىنى تىكلەپ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى سېسىتىمىسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جارى قىلدۇرۇپ ،ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى جۇڭخۇا مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك .
ئىدىيۋى سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ،قاينام تاشقىن كەيپىياتنى يارىتىپ ،ھەر مىللەت ئاممىسىنى زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىشكە يېتەكلەش كېرەك .ئاممىنى مول رەڭگارەڭ كۆڭۈلگە ياقىدىغان مەدەنىي تۇرمۇش بىلەن تەمىنلەپ ،جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ،ئاساسىي قاتلام قۇرلىشى ئىنتىرتىت تورى قۇرلىشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،ھەر مىللەت .ئاممىسىنى سۆيىدىغان گۈزەل ئىستەكنى قوزغىتىش كېرەك .›.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى :‹ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ھالقا پارتىيىنىڭ ئومۇمىيەتنى تۇلۇق ئىگىلەپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى ماسلاشتۇرۇپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ،شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ، شۇنداقلا سىياسەتتە كۈچلۈك ،ئىقتىداردا كۈچلۈك ،ئىستىلدا كۈچلۈك يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت .ئۇزاق مۇددەت ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلغان قىممەتلىك ئۆمرىنى شىنجاڭغا تەقدىم قىلغان ھەر مىللەت كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك .
پارتىيىگە سادىق ھالقىلىق پەيىتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان ، كۈچلۈك ئاممىۋىي خىزمەت ئىقتىدارىغا ئىگە ۋە تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالايدىغان كادىرلارنى ھور كۈچ بىلەن تاللاش كېرەك ،ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش ، ئاساسى قاتلامنى تىكلەشنى شىنجاڭدا مۇقىملاشتۇرۇش خاتىرجەم قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە مۇقىملىق تەدبىرى قىلىپ ،ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرلىشىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ،مۇقىملىقنى قوغداپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم كۈرەش سېپىلى قىلىپ پارتىيە بايرىقىنى ھەر بىر ئاساسىي قاتلام ئاسمىنىدا ئېگىز لەپىلدىتىش كېرەك . پارتىيىنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ،مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىستىل جەھەتتە مەۋجۇت بولىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ ،چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك ›.
لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ناھايىتى مۇھىم .تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ .بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە بىر بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسى .ئەبەدىي ئەمىن بولغان تەرەققىياتنى نەزەردە تۇتۇش جەمئىيەت مۇقىملىقنىڭ مەنبەسى .مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسى . خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى . چوقۇم مۇقىملىقنى چۆرىدەپ تەرەققىيات ھەققىدە ئىزدىنىش تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى تەلەپ نامايان قىلىنىشى ،يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىشى كېرەك . پۇقرالارغا يېقىنلىشىشقا يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشكە ، مۇھىت ئاسراشقا ئىسلاھات ئېچىۋېتىشكە ، ئىقتىساد جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش ،قاتنىشىش شەكلىدىكى سىغدۇرۇشچان ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ،2020-يىلىغا بارغاندا شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
لى كېچىياڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى :‹ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شىنجاڭدىكى ئەڭ تۈپ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ،خەلق تۇرمۇشى خەلق كۆڭلىگە تۇتاشقان .شىنجاڭدا تىنىچ مۇقىم قىلىشتىن ئىبارەت ئىستىراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى كۆپەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ،خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ ،جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . شىنجاڭدىكى بارلىق كارخانىلار ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى يەرلىكتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى قۇبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارنى جەلپ قىلىشنى شىنجاڭ ئىچىدىكى كارخانىلارنى جەلپ قىلىشقا ماس قەدەمدە ئۆزگەرتىپ ، مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ ،مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەركەزلىك قېلىپلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ،شىنجاڭدىكى ئاممىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك ،.
مەركەز سىياسەت جەھەتتە ياردەم بەردى ۋە ئالاھىدە قوللىدى ،مائارىپنى ياخشىلاش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ماھىيەتتىن تۈزەش چارىسى شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئاساسىي .مەجبۇرىيەت مائارىپى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مائارىپنى ياخشىلاش ،قوش تىل مائارىپى ۋە كەسپى مائارىپنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دۆلەتتە ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل يېزىقلارنى ياخشى ئۆگىنىپ ،ئۇنىڭدىن جايىدا پايدىلىنىشقا ياردەم بېرىپ ،ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ھازىرلىشىمىز كېرەك . شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك .بايلىقنى ئېچىش پايدىلىنىش جەھەتتە ،شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئىگە قىلىپ ،شۇ جاينىڭ پىششىقلاش يەنىمۇ پىششىقلاش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش كېرەك . مۇھىت ئاسراش سېلىنمىسىنى زورايتىپ ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ ، نۇقتىلىق ۋادىلارنى تۈزەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ،ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئاشۇرۇش لازىم . ›.
لى كېچىياڭ يەنە مۇنداق دېدى : ‹ تۆمۈر يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ زامانىۋى ئوبوروتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ،رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ،يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىنىڭ يادرولۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ، ياخشى ئۇل قۇرۇش كېرەك .ئالاھىدە بولغان مالىيە مەبلەغ سېلىش ،پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قۇيۇپ نامراتلارنى يۆلەش جاپا مۇشەققەتنى يېڭىش ، ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زورايتىپ ،جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك ،.،شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ،ئۇلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە مۇقىملىقنى قوللاشتەك ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك .پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم ،ھالقىما تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ،شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ›.
يۈ جىڭ شىڭ خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى كۆزدە تۇتۇلغان بۇلۇپ ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيلىق بىر تۇتاش پىلانلانغان ،شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ئىلمىي تەھلىل قىلىنغان ، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلەنگەن .
يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بولۇپمۇ ،شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنغان بۇلۇپ ،ئىنتايىن كۈچلۈك ئومۇمىيلىق سىياسىيلىق ئومۇمىيتىگە ئىگە .مەركىزى كومىتېت تۈزىگەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى يەنىمۇ قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر تەكلىپىدە ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ئاساسىي پرىنسىپى ،نىشان ۋەزىپىلىرى ،ئاساسىي يۆنىلىشى ۋە سىياسەت تەدبىرلىرى يەنىمۇ ئېنىق بېكىتىلگەن ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved