ئافغانىستان مەسىلىسى ئىستانبۇل مۇساپىسىنىڭ 4-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدىكى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. 14 رايون ئەزا دۆلىتى، 16 رايون سىرتىدىكى قوللىغۇچى دۆلەت، 12 خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتى، تۆت رەئىس دۆلىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ياكى ئالىي ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى قۇۋۋەتلىدى، يىغىندا مۇھىم نەتىجىگە ئېرىشىلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ، ئافغانىستان ئۆتكۈنچى مەزگىلىدىكى قايتا قۇرۇش ۋە ئىستانبۇل مۇساپىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يىغىندا «بېيجىڭ خىتابنامىسى» ماقۇللاندى، ئالتە چوڭ ساھەدىكى 64 ئالدىنقى ھەمكارلىق تۈرى بېكىتىلدى، كېيىنكى نۆۋەتلىك يىغىننىڭ كېلەر يىلى پاكىستاندا ئېچىلىدىغانلىقى جاكارلاندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved