ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە سىز بۇرۇن تورلاردا ھەر خىل غەلىتە تائاملارنى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بىراق تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان تائاملارغا قانداق قارايسىز، بۇنىسى نامەلۇم.
ئەمەلىيەتتە ياپونىيەلىكلەر باشقا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا كىشىلىرىگە ئوخشاشلا غەلىتە نەرسىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. سۈرەتتىكى مەزكۇر «غەلىتە مەغلۇق ئۆيى» دەل شۇنداق غەلىتە تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئېچىلغان.
سۈرەتتىكى بۇ جانلىقنىڭ ئىسمى «مېكسىكا سەمەندەرى» بولۇپ، يەنە بىر ئىسمى «ئالتە مۈڭگۈزلۈك ئەجدىرھا». بىراق مەيلى قانداقلا دېمەيلى، ئۇلار قارىماققا ئادەمگە ھەرگىزمۇ يېمەكلىكتەك تەسىر بەرمەيدۇ.
بۇ جانلىقنى كۆرگەندە ئادەم زوقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ بىنەپشە تاجى ۋە ئوماق چىرايى كىشىگە يېقىشلىق تۇيغۇ بېرىدۇ. ھازىر تەيۋەندە كۆپ قىسىم كىشىلەر ئارىسىدا، بۇنداق ئوماق جانلىقنى ئەرمەك ھايۋان قاتارىدا بېقىۋېلىش مودا بولۇشقا باشلىدى. بىراق ئۇنى تاماق ئورنىدا يەيدۇ دېسە بەلكىم ئادەم سەل ئەيمىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
گەرچە مېكسىكا سەمەندەرى مېكسىكىدا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار قاتارىدا بولسىمۇ (ئۇلار ياشايدىغان مۇھىت پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ت) بىراق ئاسانلا كۆپەيتكىلى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرىدا يەنىلا ياپونىيەلىكلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدىن ئورۇن ئالدى. ھازىر ياپونىيەلىك ئاشپەز ئۇستاملار، سەمەندەرنى مايدا قورۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ سېتىلىش نىسبىتىنى يۇقىرلىتىشنى پىلانلىدى. چۈنكى بىر قىسىم كىشىلەر سەمەندەرنىڭ ئوماق ھالىتىنى كۆرۈپ يەپ بېقىشنى ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن.
سەمەندەرنىڭ مانا مۇنداق توڭلىتىلغان ھالىتى. بەلكىم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ سۈرەتنى كۆرۈپ ئىشتىھاسى قوزغىلىشى مۇمكىن.
ھەرگىزمۇ مېكسىكا سەمەندەرى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «غەلىتە مەغلۇق ئۆيى» دىكى بىردىنبىر تاماق تۈرى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالماڭ. بۇ ئاشخانا ئىچىدە، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان تاماق تۈرلىرى خېلى كۆپ، مەسىلەن تىمساھنىڭ تۆت پۇتى، لەھەڭ، توشقان، كالىنىڭ تاش بۆرىكى، پۈتۈن پىشۇرۇلغان چۈجە گۆشى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، «غەلىتە مەغلۇق ئۆيى» راستىنلا غەلىتە تاماقلار جەمگاھىدۇر.
«غەلىتە مەغلۇق ئۆيى» دىكى تاماق رىسالىسىدە تۆگە قۇش گۆشى، تىمساھ گۆشى، توشقان گۆشى قاتارلىقلار بار.
سىز بەلكىم «ئادەمخور بېلىق» فىلىمىنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىراق ئادەمنىڭ ئادەمخور بېلىقنى يەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانغۇ دەيمەن؟!
سىز بەلكىم تەخسىدىكى بۇ تاماقنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. توغرا، ئۇ دەل تىمساھ پۇتى قورۇمىسى.
تىمساھ پۇتىنى مايدا قورۇپ ئېلىپ چىقسا مانا مۇنداق بولىدۇ.
توخۇنىڭ پۇتىنى، ھەتتا تىرناقلىرىمۇ يەيدىغان كىشىلەر، ئەمدىلىكتە تىمساھنىڭ بارماقلىرىنى يېمەيدىغان بولغان ئوخشايدۇ.
قۇرۇت-قوڭغۇزلارنى يېيىشمۇ ياپونىيەلىكلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى بىر خىل ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved