ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى زىيادە كۆپ بەرەڭگە ئىستېمال قىلسا دىيابېت كېسىلى بولۇپ قالىدىكەن

     بەرەڭگە تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كىراخمال بولغاچقا،  قان شېكىرىنىڭ سەۋىيەسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىملىق بەرەڭگىنى باشقا كۆكتاتلارغا ئالماشتۇرغاندا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تەخمىنەن %10 ئەتراپىدا تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

        فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6-يانۋار ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بەرەڭگىنى، بولۇپمۇ بەرەڭگە قەلەمچىسى ۋە بەرەڭگە ياپراقچىسىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرى بولىدىكەن.

     فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 12-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىيابېت كېسىلى ئانا-بالىنىڭ ساغلاملىقىغا ئۇزۇن مەزگىل تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا تۈردىكى دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

   خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بەرەڭگىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئىستېمال مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە كالىي قاتارلىق مۇھىم ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار بار ئىكەن.

       ھالبۇكى، باشقا كۆكتاتلار ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بەرەڭگىنىڭ تەركىبىدە كىراخمال بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بەرەڭگە ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشى تېخىمۇ تېز بولىدىكەن.

   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئادەم بەدىنى يېتەرلىك ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرالمىغاندا، ئادەم دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئىنسۇلىن بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەر قان سۇيۇقلۇقىدىن قەنتنى سۈمۈرۈپ، بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەمدە ئېنېرگىيەنى ساقلايدىغان بىر خىل ھورمۇن.

   خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇندىن بۇرۇن، تەتقىقاتچىلار ھامىلىدار دىيابېت بىمارلىرى ۋە بەرەڭگە ئىستېمال قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا مەخسۇس تەكشۈرۈپ ئېلىپ بارمىغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا مارىلاند شتاتى روكۋىل دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى جاڭ سۈيلىن باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى 1991-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھامىلىدار بولغان، ئىلگىرى ھامىلىدارلىق دىيابېت كېسىلى بولمىغان ۋە باشقا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك تارىخى بولمىغان 15632 ئايالنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئانالىز قىلغان.

   ‹‹ئەنگلىيە مېدىتسىنا ژۇرنىلى›› ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 21693 قېتىملىق يالغۇز ھامىلىگە ھامىلىدار بولغانلار ئىچىدە، 854 نەپىرى ھامىلىدارلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.

   خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار بۇ ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇنقى بىر يىلدىكى بەرەڭگە ئىستېمال قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، بەرەڭگە ئىستېمال قىلىش ئەھۋالىنى ‹‹ئەزەلدىن يوقتىن ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم›› دىن ‹‹ھەر كۈنى ئالتە قېتىم›› غىچە بىر نەچچە دەرىجىگە بۆلۈپ، بەرەڭگە ئىستېمال قىلىشقا دائىر سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ھامىلىدارلىق دىيابېت كېسىلى خاتىرىسىنى سېلىشتۇرغان.

   تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ يېشى ۋە دىيابېت كېسىلى جەمەت تارىخى قاتارلىق ئامىللارنىمۇ ئويلىشىش ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار بەرەڭگە، بولۇپمۇ مايدا پىشۇرۇلغان ياكى قاقلاپ پىشۇرۇلغان بەرەڭگە بىلەن ھامىلىدارلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ ئىنتايىن چوڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقىغان.

     تەتقىقاتچىلار خۇلاسىلەپ، «بەرەڭگە ئىستېمالىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن ھامىلىدارلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك مۇناسىۋىتى بار» دېگەن قاراشقا كەلگەن.

   دوختۇرلار ھامىلىدارلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ئاياللارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە چېنىقىش ئارقىلىق كونترول قىلىشىنى، ئېغىر بولغانلىرى ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق داۋالىنىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلغان.

   تەتقىقاتچىلار بولسا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كىراخمال تۈرىدىكى بەرەڭگىنى باشقا كۆكتاتلارغا ئالماشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان.

   تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىملىق بەرەڭگىنى باشقا كۆكتاتلارغا ئالماشتۇرغاندا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تەخمىنەن %10 ئەتراپىدا تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

   گەرچە يۇقىرىدىكى ستاتىستىكا ئىسپاتلىرى بولسىمۇ، تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەرەڭگە ئىستېمال قىلىش بىلەن ھامىلىدارلىق دىيابېت كېسىلى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. بىراق، بەرەڭگىنىڭ تەركىبىدە كىراخمال كۆپ بولغاچقا، قان شېكىرىنىڭ سەۋىيەسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
16-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek