ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كاتالونىيا ئاپتونوم رايونىدا 9-نويابىر مۇستەقىللىق مەسىلىسى بىرەسمىي ئاۋازغا قويۇلدى. ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىمقى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا قاتناشتى، ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، 80 پىرسەنتتىن ئارتۇق بېلەت تاشلىغۇچى مۇستەقىللىقنى قوللاپ ئاۋاز بەردى. كاتالونىيا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ماس: مۇستەقىللىققا سىمۋول قىلىنغان ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش پۈتۈنلەي غەلبىلىك بولدى دېدى.
ئەمما، ماس سۆز قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئىسپانىيەنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى رافائېل كاتالا ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ نەتىجىسىنى ئىنكار قىلىپ: بۇ پىدائىيلار تەشكىللىگەن ئاۋازغا قويۇش ھەرىكىتى، بۇنىڭ رولى يوق دېدى.
كاتالونىيا رايونىنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن يەتتە مىليون 500 مىڭ بولۇپ، ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى مەملىكەتنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. ئۆزىگە خاس تىلى ۋە مەدەنىيىتى بار، ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل تېخىمۇ زور دەرىجىدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved