رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 13-ئاپرېل بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئىراننى S-300بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەش چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى. بۇ بۇيرۇق ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: S-300بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ پەقەت مۇداپىئە خاراكتېرى بار، رۇسىيە ئىراننى تەمىنلەيدىغان بۇ خىل قورال ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ. S-300بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى نۆۋەتتە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ بىرى. رۇسىيە 2007-يىلى ئىران بىلەن بۇ خىل ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىش توختىمى ئىمزالىغان، لېكىن ئىزچىل تاپشۇرۇپ بەرمىگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved