10 يىلغا سوزۇلغان ئىراننى جازالاش قارارىنىڭ 18-يانۋاردىن بۇرۇن بىكار قىلىنىشىدا ئۈمىد بار، بۇ توڭلىتىلغان ھېساباتتىكى نەچچە ئون ارد ئامېرىكا دوللىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغا يول ئاچىدۇ.
ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئابباس ئاراغچى تېھراندا بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى 15-يانۋار دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ 2015-يىلى 7-ئايدا ماقۇللانغان ئىران يادرو كېلىشىمىدىكى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنى تاماملىغان تاماملىمىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.
ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىككى كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرى ئەڭ بالدۇر بولغاندا 15-يانۋار ئىراننىڭ يادرو بازىسىدىن يادرو ئەسلىھەسى ۋە ماتېرىيالىنى يۆتكەپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى دەلىللەيدىكەن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، جازا بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئىران چەتئەلدىكى ھېساباتىدىكى توڭلىتىلغان 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇلغا دەرھال ئېرىشەلەيدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئىران ئىقتىسادىمۇ ئېچىۋېتىلىپ، خام نېفىت ئېكسپورتى نەچچە ھەپتىدە ھەر كۈنى بىر مىليون باك ئاشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved