ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئەنسىلىمە سابىق دىپلوماتىيە ۋەزىرى ھازىرقى پارلامىنېت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مالكولىم رىفكىند ئۆزى چېتىلىپ قالغان ھوقۇق سودىسى تالاش تارتىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ ئاخبارات خەۋپسىزلىك كومىتېت رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .
تاراتقۇلار يېقىندا ئەنگلىيە سابىق دىپلوماتىيە ۋەزىرى ،ھازىرقى پارلامىنېت تۆۋەن پالاتاسى ئەزاسى مالكولىم رىفكىند بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ يەنە بىر سابىق دىپلوماتىيە ۋەزىرى ھازىرقى پارلامىنېت تۆۋەن پالاتاسى ئەزاسى جېك ستراۋنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ سودا كارخانىلىرىغا نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق يۇقىرى سوممىلىق ھەقكە ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى .بۇ سەتچىلىك ئاشكارىلىنىشى بىلەن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى ،تەنقىد قىلغۇچىلار مالكولىم رىفكىند پارلامېنتنىڭ ئاخبارات ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرقلۇق خۇپىيانە ھالدا سودا شىركەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى شۇڭا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى .مالكولىم رىفكىند 24-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزى ئۈستىدىكى گۇمانىنىڭ پارلامىنىتتىكى ۋەزىپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى ،لېكىن ئۇ ئاخبارات ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتى خىزمىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسلىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ يىل مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنگلىيە چوڭ سايلىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پارلامىنىتتىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved