مىسىرنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى، ئارمىيەنىڭ سابىق رەھبىرى سېسى 8-ئىيۇن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشچە، سېسى تەختكە چىققاندىن كېيىن مىسىرنىڭ ئۇزاقتىن بېرى ئۆلۈك ھالەتتە تۇرغان دىپلوماتىيەسىنى جانلاندۇرىدىكەن، كۆپ خىل ئۇسۇللار بىلەن دىپلوماتىيە ۋەزىيىتىنى قايتا بەرپا قىلىدىكەن، بۇمۇ پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ سىياسىي ئىكولوگىيەسىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
سېسى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاق سارايى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا سېسى رەھبەرلىك قىلغان مىسىر ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ ئوباما يېقىندا سېسى بىلەن تېلېفونلىشىدۇ، دېدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن سايلامنىڭ تۇنجى باسقۇچلۇق ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا سېسنى مۇبارەكلىگەن.
تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مىسىرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى چوڭ دۆلەتلىك مۇھىم ئورنىغا سەل قارىمايدىكەن، سېسى باشلامچىلىق قىلغان يېڭى ھاكىمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتىگە چېتىلىدىكەن، مىسىرغا نىسبەتەن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ساقلاش مەلۇم دەرىجىدە مىسىرنىڭ كەلگۈسىدىكى دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ غەلبە قىلىشى ياكى مەغلۇب بولۇشىغا باغلىق ئىكەن.
مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى تارىخ سنۇت مۇنداق دېدى: سېسى سايلامدا «چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە تەڭپۇڭلۇق ئىزدەش» دېگەن سىياسەت تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ مىسىرنىڭ ئىلگىرىكى ئۇزاق مەزگىللىك ئامېرىكىغا يېقىن تۇرىدىغان دىپلوماتىيە ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ئىزدەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: رۇسىيە، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت سىستېمىسىنىڭ ۋەزىيىتى تەڭپۇڭلاشتى، مىسىرنىڭ كۆپ خىل دىپلوماتىيە قوللىنىدىغان بوشلۇقى تېخىمۇ كېڭەيدى.
مىسىر زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللا سېسىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، مىسىر يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى دېدى. ئارقىدىن، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى، بەھرەيىن قاتارلىق پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ۋە ئىيوردانىيە، ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ناھايىتى تېزلا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.
تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، پارىس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پۇختىلاش مىسىرغا ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشىشكە پۇرسەت يارىتىپ، مىسىرنى مالىيە قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىسىرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردىمى بولۇپلا قالماي، مىسىرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەسىر كۈچىنىمۇ كۈچەيتىدىكەن. شۇڭا، سېسى تەختكە چىققاندىن كېيىن پارىس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى داۋملىق پۇختىلىشى، ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرىشى مۇمكىن.
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئىران زۇڭتۇڭى رۇھانىي سېسىنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىندى، بۇ مىسىرنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تارىخ سىنۇت مۇنداق دېدى: ئىران ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم دۆلەت، سۈرىيە مەسىلىسىدە خېلى تەسىرگە ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىران بىلەن پارىس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى ئەمەس، شۇڭا مىسىر بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلانسا ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغىمۇ تەسىر بولىدۇ.
يېڭى ھاكىمىيەت ئامېرىكا رۇسىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر ۋە پارسى قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىش ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن سېسى كەلگۈسىدە ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە يەنىلا نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ.
قاتار مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى بانكىسى، مۇرسى تەختتىن چۈشكەندىن بۇيان قاتار سېسىنى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلدى دەپ ئەيىبلەپ كەلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ سېسى رەھبەرلىك قىلغان سىياسى ئۆزگىرىش ۋە ئۇنىڭ مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى تازىلىغانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلدى، تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ناچارلاشتى.
سۇۋەيىش قانىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇنالىق پىروفىسسورى جامال مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سېسى ئارمىيەنىڭ سابىق رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەختكە چىقىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاتار ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىيالمايدۇ. لېكىن ئىككى دۆلەت شۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە دۆلەتلەر، شۇڭا مىسىر دىپلوماتىيەدە بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن زىددىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتمەسلىكى كېرەك.
مۇرسى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، مىسىر مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى شۇنداقلا ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان پەلەستىن ئىسلام قارىشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنىڭ مىسىردىكى بارلىق ھەرىكىتىنى چەكلىدى. جامالنىڭ ھېسابلىشىچە، مىسىر بىلەن خاماسنىڭ مۇناسىۋىتى ناچارلاشسىمۇ بۇنىڭ تەسىر ئانچە چوڭ بولمايدۇ، چۈنكى مۇشۇ ئايدا پەلەستىندىكى ئىككى چوڭ گۇرۇھ ئىچكى جەھەتتە يارىشىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېسى بىلەن پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباسنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئىكەن، شۇڭا مىسىر يېڭى ھۆكۈمىتى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلىگىرى سۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق رايوندا تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved