ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئەربابى 22-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن ئۆلكىلىرىدە داۋاملىق شىددەتلىك توقۇنۇشتى. ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر غەربتىكى ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ نۇرغۇن شەھەر-بازارلىرىنى تارتىۋېلىپ، غەربىي سەپكە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىدى.
ئەنبار ئۆلكىسىدىكى بىر خەۋەردار كىشى 22-ئىيۇن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر 21-ئىيۇن مۇھىم چېگرا شەھىرى قائىمنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يەنە شۇ كۈنى ئارقا-ئارقىدىن بۇ ئۆلكىنىڭ رەۋا، ئانا، رۇتبە قاتارلىق ئۈچ مۇھىم بازىرىنى قولغا كىرگۈزدى. 22-ئىيۇن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر ھەدىتە شەھىرىگە ھۇجۇم قوزغاشقا ئۇرۇندى. ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ياردەمچى ئەسكىرى شۇ كۈنى ھەدىتە شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، قوراللىق كۈچلەرنى توسۇشقا تەييارلاندى.
بۇندىن باشقا، ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 22-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، بىخەتەرلىك قىسمى ھازىر يەنىلا سۇرىيە-ئىراق چېگراسىدىكى ۋەلىد تەكشۈرۈش پونكىتىنى تىزگىنلەپ تۇرماقتا دېدى. شىمالدىكى نىنەۋە ئۆلكىسىنىڭ 2-چوڭ شەھىرى تەل ئافەردە، بىخەتەرلىك قىسمى قوراللىق كۈچلەرنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved