جاھان ئاگېنتلىقى 22-فېۋرال خەۋىرى؛لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستان مەسئۇللىرى يەكشەنبە كۈنى ئېيتىشىچە، ئافغانىستان تىنچلىق قىسىملىرى ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە 18 قوراللىقنى ئېتىپ تاشلىغان. ئافغانىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ مەسئۇل خادىملارنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ؛ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان رايۇنلار بولسا ھىرات، تاخار، بەدەخشان، مەيدان،ئۆزجان،ھىلمنىد،كونار، غەزنە ۋە خوست قاتارلىق رايۇنلار….تۇقۇنۇش جەريانىدا 17 قوراللىق يارىلاندى.
بۇ يىل 350 مىڭ ئەسكەر شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوراللىق قىسىملىرىدىن ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيتىنى تاپشۇرۋالغان بولۇپ ئۇلار قوراللىقلارغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، بۇ يىل بېشىدىن باشلاپ يۈزگە يېقىن قوراللىق ئۆلتۈرۈلدى، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى ھازىر ئافغانىستان قوراللىق قىسىملىرىنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە مەسھىلەت بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved