كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 17-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو قوشنا دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ۋە مىللىتارىسلىق ھۆكۈمرانلىقىنى پەردەزلەش ئۈچۈن ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا سوۋغا تەقدىم قىلدى، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنى كوللېكتىپ تاۋاپ قىلدى، كورىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىدۇ.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: كورىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيەنى ئۆزىنىڭ ياخشى بولمىغان ئۆتمۈشى بىلەنلا قالماستىن، بەلكى تاجاۋۇزچىلىق تارىخ ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىشىپ ۋە تەپەككۇر قىلىپ، پارلاق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشىقا دەۋەت قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved