2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسدە چىمپيۇن زادى كىم ؟؟؟

خاۋ كىڭ ئىلىم-پەن فورمۇلاسىدىن پايدىلنىپ ئېنگىلاند كۇماندىسنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسدە چىمپيۇنلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقىنى ھىساپلىدى

 

 

شىنلاڭ پەن-تېخىنىكا خەۋەرلىرىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 29-كۈندىكى خەۋىرى،دۆلەت سىرتىدىكى مېدىئالارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پروقېسىسور سىتپىن.خاۋكىڭ ئىلىم-پەن فورمۇلىسدىن پايدىلنىپ ھىساپلاش ئارقىلىق،ئېنگىلاند كۇماندىسى دۇنيا لۇڭقىسنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسدە 4-3-3 سەپ شەكلنى قوللىنىپ،قىزىل رەڭلىك توپچىلار كىيىمى كەيسە،دۇنيا لۇڭقىسىغا ئىرىشىش ئېھتىماللىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ دەپ قارىغان.بىراق،ئۇ يەنە ئېنگىلاند كۇماندىسغا دو تىكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 


دۇنياغا داڭلىق ئالىم بۇلۇش سۈپىتى بىلەن،خاۋكىڭ كوسمولوگىيەدىكى نۇرغۇنلىغان قىيىن مەسىللەرنى ھەل قىلغان.ھازىر ئۇ نەزىرىنى تېخىمۇ «مۇھىم»بولغان سىرلىق تېماــــــــ ئېنگىلاند كۇماندىسى قانداق قىلغاندا دۇنيا لۇڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ دېگەن مەسلىگە قاراتقان بۇلۇپ،ئۇ 1966-يىلدىن بۇيان ئېنگىلاند كۇماندىسنىڭ دۇنيا لۇڭقىسىدىكى ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن بەزى ھەل قىلغۇچ ئامىللارغا قارىتا تەھلىل ئېلىپ بارغان ھەمدە بۇ پۇتبۇل كۇماندىسنىڭ ھازىرقى ئەڭ ياخشى شارائىتىغا ئاساسەن فورمۇلا تۈزۈپ چىققان.

 


ھىساپلاش ئارقىلىق،خاۋكىڭ ئېنگىلاند كۇماندىسى بىر قەدەر مۆتىدىل ھاۋاراي شارايى شارائىتىدا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىشى كېرەك دەپ قارىغان،چۈنكى ئەگەر تىمپىراتورا 5 سېلسىيە گىرادۇس ئاشسا،ئېنگىلاند كۇماندىسنىڭ چىىمپىيۇنلىققا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى% 59 تۆۋنلەيدىكەن؛ئەگەر كۇماندا دېڭىز يۈزدىن 500مېتىر تۆۋەن بولغان جايدا مۇسابىقە ئېلىپ بارسا،چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقى بىر ھەسسە كۆپىيىدىكەن.

 


ئەگەر مۇسابىقە شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 3:00دە باشلانسا،ئېنگىلاند كۇماندىسنىڭ غەلبە قىلىش ئېھتىماللىقى ئۈچتىن بىر ئۈلۈش كۆپىيىدىكەن؛ئەگەر ئۇلار قىزىل رەڭلىك كىيىم كەيسە،يېڭىش ئېھتىماللىقى بەشتىن بىر ئۈلۈش ئاشىدىكەن.گېرمانىيە پىسخۇلۇگلىرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا،قىزىل رەڭلىك توپچىلار كىيىمى توپچىلارنى ئۆزىگە قارىتا تېخىمۇ ئىشنىش ھىس قىلدۇرۇپ،رەقىبىگە يۇلۇققاندا ئۇلارنى تېخىمۇ تاجاۋۇزچىلىققا ئىگە قىلىدىكەن.

 


خاۋكىڭ يەنە 4-3-3 سەپ شەكلىنى ئىشلىتىش 4-4-2 سەپ شەكىلىگە قارغاندا ئېنگىلاند كۇماندىسنى تېخىمۇ مۇۋەپىقيەتكە ئېرىىشتۈردۇ دەپ جاكارلىغان.يەنە بىر جەھەتتە ئېنگىلانددىن بىرازىليەگىچە بولغان ئوزاق مۇساپىلىك ئۇچۇش كۇماندىنىڭ چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىنى % 22 تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.

 


ئەڭ ئاخىرىدا ئېنگىلاند كۇماندىسى يەنە چۇقۇم ياۋرۇپالىق رېپىرىغا ئۈمىد باغلىشى كېرەك ئىكەن.ياۋرۇپالىق رېپىرلار رېپىرلىق قىلغان مۇسابىقىدە،ئېنگىلاند كۇماندىسى 63% مۇسابىقىدە يەڭگەن،ئەكسىچە بولغاندا،پەقەت %38 لا يەڭگەن.ياۋرۇپالىق رېپىرلار ئېنگىلاند توپچىلىرىغا تېخىمۇ كەڭ قورساق بۇلسىمۇ،بىراق سۇئارىزغا ئوخشاش بالت ئارتىسلىرىغا(سۇئارىزنىڭ يالغان يىقىلىشقا ئامراقلىقىغا كىنايە قىلىنغان) ئۇنچە ھىسداشلىق قىلىپ كەتمەيدۇ،خاۋكىڭنىڭ دىيىشچە،كىچىك گېزىتلارنىڭ خەۋىرنىڭ ئەكسىچە،خانىملار ئۆمىكى (توپچىلارنىڭ ئاياللىرى ياكى قىز دوسىتلىرى)نىڭ مەۋجۇت بۇلۇشى ئەمىليەتتە مۇھىم ئەمەسكەن.غەلبىنى قولغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز،ئۇ مۇھىت،فېزىئولوگىيە،پىسخولوگىيە،سىياسى ۋە تاكتىكا قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىق بۇلىدىكەن.مەلۇم بۇلۇشىچە،پروفېسسور خاۋكىڭنىڭ بۇ تەتقىقاتىىنى لاتارىيە شىركىتىدىكى پاددىي پوۋېر (Paddy Power) ئېلىپ بېرىشقا ھاۋالە قىلغانىكەن.

 

 

ھىساپلاش فورمولۇسى


 
  
X0 بىرىلگەن ئۆزگىرىشچان مىقىدار؛

 


T تەنھەركەت مەيدانى جايلاشقان شەھەرنىڭ تىمىپىراتۇرسىنىڭ 25℃ بىلەن بولغان پەرقى؛

 


α لۇندۇندىن تەنھەركەت مەيدانىغىچە بولغان ئارلىق بۇلۇپ،بىرلىكى كلومېتىر؛

 


β1=1 بولغاندا،ئېنگىلاند كۇماندىسىنىڭ رەقىبى شەرقى ياۋرۇپادىن بۇلىدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن 0 بۇلىدۇ؛

 


β2=1بولغاندا،ئېنگىلاند كۇماندىسىنىڭ رەقىبى غەربى ياۋرۇپادىن بۇلىدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن 0 بۇلىدۇ؛

 


β3=1بولغاندا،ئېنگىلاند كۇماندىسىنىڭ رەقىبى ئامېرىكا قىتئەسىدىن بۇلىدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن 0 بۇلىدۇ؛

 


γ=1بولغاندا،رېپىر ياۋرۇپا قىتئەسىدىن بۇلىدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن 0 بۇلىدۇ؛

 


δ=1بولغاندا،تەنھەركەت مەيدانىنىڭ دېڭىز يۈزدىن ئىگىزلىگى500دىن چوڭ بۇلىدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن 0 بۇلىدۇ؛

 


ε=1بولغاندا،توپ باشلاش ۋاقتى شۇ جاي ۋاقتى 18:00دىن كېيىن بۇلىدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن 0 بۇلىدۇ؛

 


η=1بولغاندا،كۇماندىنىڭ سەپ شەكلى4-3-3 بۇلىدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن 0 بۇلىدۇ؛

 


θ=1بولغاندا،كۇماندا ئەزالىرى يېشىل ياكى قىزىل رەڭلىك توپچىلار كىيىمى كىيىدۇ،ئۇنداق بولمايدىكەن 0 بۇلىدۇ؛

 

 


بۇ نەزەيىۋى فىزىكا ئالىمى يەنە بېلو خورىزونېت كۇماندىسى كوسىتارىكا مۇماندىسى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئەنگىلىيە كۇماندىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى يېڭىش ئېھتىماللىقىنى ھىساپلاپ چىققان؛بىراق مانائۇس كۇماندىسىنىڭ ئىتالىيە كۇماندىسىغا قارىتا قارشى سەپ تۈزۈشى ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ سىناق بۇلىدىكەن.خاۋكىڭ يەنە ئېنگىلاند كۇماندىسنىڭ نوقتا توپ تىپىش پۇرسىتى ئۈستىدە توختالغان.ئۇ مۇنداق دېگەن:«ئىلىم=پەن جەھەتتىن ئېيىتقاندا،ئېنگىلاند كۇماندىسى بانجو بىلەن كالىنىڭ سۆڭگىچىىگە ئۇرالمايدۇ (ھەرقانچە قىلىپمۇ توپ كىرگۈزەلمەيدۇ دېگەنگە تەمسىل قىلىنغان) » .

 


خاۋكىڭ يەنە سۈرئەت مۇسابىقىنىڭ ئاچقۇچى،شۇڭا توپچىلار 3 قەدەم بىلەنلا يۈگۈرۈشى لازىم دەپ قارىغان.بىراق ئۇ يەنە تۇلۇقلاپ مۇنداق دېگەن:« ياخشى تۇرۇش ئورنى بولمىسا،سۈرئەتنىڭ ھىچقانداق پايدىسى بولمايدۇ، 1990-يىلى كىرىس ۋاددىل توپنى تىپىپ ئۇچۇرۋېتىشتىن ئىلگىرى،بۇ گەپنى ئۇنىڭىغا دەپ قويقان بولسام ياخشى بۇلاتتىكەن ». كىرىس ۋاددىل سابىق ئېنگىلاند پۇتبۇلچىسى بۇلۇپ،يان ھۇجۇمچى بولغان،1990-يىلىدىكى دۇنيا لۇڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقسىنىڭ 4كۈچلۈك كۇماندىنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ نوقتا توپ تىپشىشىدە ئەڭ ئاخىرقى كۇماندا ئەزاسى بۇلۇپ توپنى تىپىپ ئۇچۇرۋەتكەن.

 


خاۋكىڭ يەنە سول ئۈستى بۈرجەك بىلەن ئوڭ ئۈستى بۈرجەكتىكى بۇلۇڭ توپتا %84 مۇۋەپىقيەت قازنىش ئېھتىماللىقى بار دەپ كۆرسەتكەن.

 

 


ھىساپلاش فورمولاسى

 

πنوقتا توپتىكى جازا توپ تىپىك كىرگۈزۈش ئېھتىماللىقىنى بىلدۈردۇ،شۇڭا سول تەرەپتىكى كەسىر ئىپادە نوقتا توپتا جازا توپ تىپىپ كىرگۈزۈشنىڭ كەسرلىك نىسپىتىنى بىلدۈردۇ.

 


X0 بېرىلگەن ئۆزگىرىشچان مىقىدار؛

 

 

α1=1 بولغاندا،كۇماندا ئەزالىرنىڭ ئورنى ئالدى ھۇجۇمدا بۇلىدۇ؛

 


α2=1 بولغاندا،كۇماندا ئەزالىرنىڭ ئورنى ئارقا ھۇجۇمدا بۇلىدۇ؛

 


β1=1 بولغاندا،كۇماندا ئەزالىرنىڭ نوقتا توپ يۆنىلىشى سولغا بۇلىدۇ؛

 


β2=1بولغاندا،كۇماندا ئەزالىرنىڭ نوقتا توپ يۆنىلىشى ئوڭغا بۇلىدۇ؛

 


δ=1بولغاندا،كۇماندا ئەزالىرنىڭ چېچىنىڭ رەڭگى ئاقۇش ياكى سارغۇچ بۇلىدۇ؛

 


θ1=1بولغاندا، كۇماندا ئەزالىرى ۋارتانىڭ دائىرسىنىڭ ئۈستىىدىن1/3 توپ كىرگۈزۈشنى سىنايدۇ؛

 


θ2=1بولغاندا،كۇماندا ئەزالىرى ۋارتانىڭ دائىرسىنىڭ ئاستىدىن1/3 توپ كىرگۈزۈشنى سىنايدۇ؛

 


ε=1بولغاندا،كۇماندا ئەزالىرى پۇتىنىڭ يان تەرپى بىلەن توپنىڭ يۆنىلىشنى كونتىرول قىلىدۇ؛

 


η=1بولغاندا،كۇماندا ئەزالىرى جازا توپتىن ئىلگىرى ھەر قانداق ياردەمچى يۈگۈرۈش قىلمايدۇ؛

 

 


گەرچە ناھايىتى تەپسىلى ھىساپلاش قىلغان بولسىمۇ ،خاۋكىڭ يەنىلا دۇنيا لۇڭقىسىغا دو تىكمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان،چۈنكى ئۇ پۇلنى تېخىمۇ ئۇلۇغۋار بولغان ئالەمنىڭ ئاساسى ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمە مەسىللىرىگە خەجلەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: « نەزەريىۋى فىزىكىغا قارىتا،سەرپ قىلغانلىرىم باشقا نەزەريىۋى فىزىكا ئالىمى بولغان كەسىپداشلىرىم ۋە دوسىتلىرىمىغا ئوخشىمايدۇ».

 


بىراق،72 ياشلىق بۇ ئالىم كېيىن ئەگەر راستىنلا بىر مەيدان ئوينايدىغان ئىش بولسا،بىرازىلىيە كۇماندىسىغا دو تىكدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بارلىق ھىساپلاش ئىلىمى ۋە ئەقلى تەپەككۈرنى قايرىۋەتكەندە،مەن بىر ئەنگىليىلىك،شۇ سەۋەپتىن،يىگىتلەرنىڭ بىر يوللا رىئودى ژانېيروغا بۈسۈپ كىردىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىمەن » ، « بىراق بىرازىليىگە سەل قاراش ئاقىلانىلىك ئەمەس.ساھىپخان كۇماندا دۇنيا لۇڭقىسنىڭ چىمپىيۇنلىرنىڭ %30دىن ئارتۇقنى يەڭگەن،شۇنداقلا تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا،ئۇلار ئىشكىنىڭ تۈۋىدىلا مۇسابىقە قىلغاچقا، كۈرۈنەرلىك مۇھىت ۋە پىسخىكا ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە ».

 


ئەڭ ئاخىرىدا خاۋكىڭ يەنە لاتارىيە شىركىتىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ھەقنى ھەرىكەت نېۋرونى كېسلى جەميىتى ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش جەمىيىتنىڭ سۈرىيەدىكى تەشكىلاتلىرىغا ئىئانە قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭ ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى،ئەنگىليە لۇندۇندا ئەنگىليىلىك فىزىكا ئالىمى،كوسمولوگىيە تەتقىقاتچىسى خاۋكىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ،ئۆزى ئىلىم-پەن فۇرمۇلىسىدىن پايدىلنىپ ھىساپلىغان ئېنگىلاند كۇماندىسىنىڭ قانداق قىلغاندا 2014-يىللىق دۇنيا لۇڭقىسنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى شەرھىلىدى.خاۋكىڭ بۇندىن ئىلگىرى ئەنگىليەنىڭ قانداق قىلغاندا دۇنيا لۇڭقىسنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشەلەيدىغانلىقى توغرىسدا بىر ئايغا يېقىن تەتقىقات ئېلىپ بارغان.



02-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
26-05-2016
    نېيمار بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كۇلۇبىدا قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېسسىنىڭ ھەقىقى 1-نومۇ...
26-05-2016
     ئامېرىكا لوڭقىسىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئاز قالدى، ئارگېنتىنالىق چولپان مېسسى زىيارەت ۋاقتىدا، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا لوڭقىسى چ...
26-05-2016
     «تەنتەربىيە سۈرەت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دورتموند مەشقاۋۇلى تۇھېل بۇ يازدا بۆرە قەلئەسىدىكى گېرمانىيەلىك توپچى شۈرلېنى قوشۇۋالماقچى ئىكەن. شۈرلې 2015-يىلى 1-ئايدا 32 مىليون ياۋرو باھا بىلەن چېلسىدىن ئايرىلىپ ...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       2016-يىلى 23-ماي ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى سېۋىللا ماھىرلىرى كوماندىنىڭ تەبرىكلەش ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ (Puerta Jerez) رايونىدىكى فونتان مەيدانىدا پۈتۈن شەھەر بوي...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسىنىڭ 24-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      لېيچىستېر شەھىرى كوماندىسى مۆجىزە يارىتىپ ئىنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، بىرلەشمىدىكى داڭلىق زەردار كۇلۇبلار ئۇنىڭغا كۆز ت...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   ئەنگلىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋانگالنى مەشقاۋۇللۇقتىن بوشاتقاندىن كېيىن، مەشقاۋۇل مورىنھو ۋە ئۇنىڭ ۋاسىتىچىسى مېندېز بىلەن كۆر...
Powered by Leglek