ئۈرۈمچى شەھىرىدە 100 مىڭ توننا قار تازىلاندى

8 – دېكابىر تۈندىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە 16 سائەت قار ياغدى. ئومۇمىي ھۆل – يېغىن مىقدارى 17.7 مىللىمېتىرغا، يىغىندى قارنىڭ قېلىنلىقى 23 سانتىمېتىرغا يەتتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 8 – دېكابىر تۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11 ئەتراپىدا يېغىشقا باشلىغان قار 8 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3 كىچە داۋاملاشقان.


ئۇقۇشىمچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش راۋانلىقىغا ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ نورمال يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاسان مۇز تۇتىدىغان يوللاردا ئالدىنئالا تىيىلىشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىيىتى باشقۇرۇش كومىتېتى 15 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، يول بۆلەكلىرىنى تەكشۈرگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر قىياپىتى ۋە مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش مەركىزى بەش گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئاساسلىق رايونلاردىكى يىغىندى قارنىڭ تازىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. 9 – دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 غىچە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار 70 نەچچە مىڭ ئادەم/ قېتىم ئادەم كۈچى، 10 نەچچە مىڭ ئاپتوموبىل/ قېتىم ئاپتوموبىلنى ئىشقا سېلىپ، 100 مىڭ توننا يىغىندى قارنى شەھەر ئەتىراپىغا توشىغان؛ 24 مىڭ تازىلىق ئىشچىسى مۇددەتتىن ئىككى سائەت بۇرۇن تەييار بولۇپ، 40 نەچچە سائەت قار تازىلىغان. قار ياغقان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتناش ساقچىسىدىن 620 نى ئىشقا سېلىپ، زور قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغان.



خەتكۈچلەر:
11-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
       ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ھەممىدىن كۆپ ئېلېكترون ئەخلىتى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئېلېكترون ئەخلەتلىرى ئەگەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئ...
13-05-2016
      بىپايان شىنجاڭ زېمىنىدا تۇتاش كەتكەن بوستانلىقلار بار بولۇپ، بۇ يەردە ھەر مىللەت ئاممىسى ياشايدۇ. بوستانلىق ئىقتىسادى كۆرۈنەرلىك بولغان شىنجاڭدا يېشىللىق ھەممىنىڭ ئاساسىي . بۇ يىل ماي بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى دالۈگۈ...
12-05-2016
       دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇنيادىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ مۇھىتىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، يەر شارىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ (بولۇپمۇ ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك...
12-05-2016
      يېقىندا يولدا ئۇچرىغان بىر ئىش دىققىتىمنى قوزغىدى. مەن مەلۇم بىر كۈنى چۈشتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىدىكى ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى ئەتراپىدا يولدىن ئۆتمەكچى بولۇپ تۇرسام، 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال قىزىنى ...
12-05-2016
     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندىكى ھاۋا بولغىنىشى ھەر يىلى 570 مىڭ ئادەمنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دې...
12-05-2016
     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خاسلىقى روشەن، مۇھىتى گۈزەل، تۇرمۇشى ئازادە، ئېكولوگىيەسى ياخشى، ئولتۇراقلىشىشقا باپ كېلىدىغان ناھىيە بەرپا قىلىش نىشانىنى چۆرىدەپ،...
12-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، چىلىدىكى ئارىكا لالىسېرا ساھىلىغا نەچچە يۈز مىڭ تال چوڭ قىسقۇچپاقىنىڭ ئۆلۈكى چىقىپ قالدى.
12-05-2016
    5-ئاينىڭ 11-كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى چاڭ توزانلىق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، چەرچەن مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 13:16 مىنۇت ئۆتكەندە قۇم-بوران ئاپىتىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنا...
11-05-2016
    جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسنىڭ رەسمىي يۇسۇندا ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 5- ئاينىڭ 11 كۈنى سەھەر سائەت 9 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى چاڭدۇ شەھىرىنىڭ دىڭچىڭ ناھىيەسى ( شىمالىي كەڭلىك 31.99 گرادۇس، شەرقىي ...
10-05-2016
    2016-يىلى 9-ماي، شېنجېن باۋئەندىكى مەلۇم زاۇۋت دەرۋازىسى يېنىدىكى 200 مېتىرلىق يولغا جەمئىي 150 ئەخلەت ساندۇقى قويۇلغان بولۇپ، ھەر بىر ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا بىردىن قويۇلغان دېيىشكە بولىدىكەن. بەزى شەھەر ئاھالىلىى بۇ...
Powered by Leglek