بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا سوت ئېچىپ، مەلۇم ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنى %30 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، سۈن خانىمغا 2000 يۈەن تۆلەم بېرىشكە بۇيرۇغان.
ئىگىلىنىشىچە، سۈن خانىم بۇ يىل 26-يانۋار بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايونىدىكى مەلۇم ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغان، ئۇ ئاپتوبۇس بېكەتكە كىرگەندە كەينى ئىشىكىدىن چۈشمەكچى بولغاندا، كەينى ئىشىكتىن چىققان يولۇچىلار ئۇنى قىستاپ، قورساق قىسمى ئورۇندۇققا قاتتىق تەگكەن. سۈن خانىمنىڭ دەسلەپتە قورسىقى سەل ئاغرىغان، كېيىن قاتتىق ئاغرىپ كېتىپ بېلىنى رۇسلىيالمىغان. سۈن خانىم ئاپتوبۇستىن چۈشكەندىن كېيىن ئاممىۋى قاتناش شىركىتىدىكى نۆۋەتچى خادىمنى ئىزدىگەن، نۆۋەتچى خادىم ئۇنىڭغا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئېيتقان. دوختۇر ئۇنىڭغا يۇمشاق توقۇلمىلىرىنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى، بىر ھەپتە ئۆيىدە كۈتۈشنى ئېيتقان، ئەمما ئۇنىڭ ئاغرىقى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. شۇنىڭ بىلەن باشقا دوختۇرخانىغا كۆرۈنگەن، دوختۇرلار ئۇنى تەكشۈرۈپ، ئىككى قوۋۇرغىسىنىڭ سۇنغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن سۈن خانىم زەخىملىنىشىدە ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قاراپ، ئۇلار بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلەشكەن بولسىمۇ، كېلىشەلمىگەن. سۈن خانىم ئامالسىز ئاممىۋى قاتناش شىركىتى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، تۈرلۈك چىقىملىرى ئۈچۈن 13 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved