كامىروننىڭ ئاخبارات مىنىستىرى باكالى تۈنۈگۈن كامىروننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە ئەدلىيە مىنىستىرى ئامادۇ.ئالىنىڭ فارنوس ئۆلكىسىدىكى تۇرالغۇسى نىگىرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكلات بوكو ھەرەم قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، قوراللىق ئۇنسۇرلار ئۇنىڭ رەپىىقسىنى تۇتقۇن قىلىۋالغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە كامىرونلۇقنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ھۇجۇمنى بوكو ھەرەم ئەدەبىي تەشكىلاتى قىلدى، كامىرون ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ جەريانىنى تەكشۈرىۋاتىدۇ، دېدى.
كامىروننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئامادۇ. ئالى فارنوس ئۆلكىسىدىن، ئۇنىڭ يۇرتى كىلوفاتا نىگىرىيەگە يېقىن چېگرا رايونغا جايلاشقان. كامىرون ئارمىيەسىدىكى خەۋەردار ئەرباپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالى ۋە ئۇنىڭ ئالىسىدىكىلەر شۇ چاغدا يۇرتىدا تۇرىۋېتىپتىكەن، ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ھىمايىسىدە تۇرالغۇسىدىن ئايرىلغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بوكو ھەرەم قوراللىق تەشكىلاتى كامىروننىڭ فارنوس رايونىدا داۋاملىق قوراللىق ھۇجۇم قوزغىغان، كامىرون ئارمىيەسىنىڭ قاراۋۇلخانىلىرىغا نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved