سىنا تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى:كورىيە ھۆكۈمىتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كورېيە-چاۋشيەن ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىش مۇناسىۋەتلىك لايىھەلەرنى ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، چاۋشىيەنگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ كورېيە-چاۋشيەن ھەمكارلىشىش فوندىنى ئاشۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاخبارات تاراتقۇ خىزمەتچىلرىنىڭ كورېيە-چاۋشيەن ئەلئارا ئالماشتۇرۇش تۈرىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلماقچى بولغان.
كورىيە بىرلىك مىنىستىرى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىككىنچى دۇنيا ئاياغلاشقان ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارالى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقى بولۇپ، ئالماشتۇرۇشنىڭ مەنىسى گەۋدىلىك بولىدۇ.بۇ يىلنى « مىللىي تونۇش ئەسلىگە كېلىش، كورېيە-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى» قىلىش ئۈچۈن، كورىيە ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت تەنھەرىكەت،مەدەنىيەت، ئىلىم قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى ئاكتىپ قوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كورېيە ھۆكۈمىتى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كورېيە ئەلئارا تەشكىلاتىنىڭ چاۋشىيەنگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشىگە ئىلھاملاندۇردۇ.
كورېيە بىرلەشمە ئاگنېتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە ھۆكۈمىتى 2010-يىلى «تىيەنئەن پاراخوتى» ھادىسىدىن كىيىن يەرلىك ھۆكۈمەت كورېيە-چاۋشيەن مۇناسىۋەتلىك ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى چەكلىگەن.بۇ قېتىمقى ئېلان قىلغان لايىھەنى ئاچقۇچ قىلىپ، كورىيە ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن كىيىن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كورېيە-چاۋشيەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى چەكلەشنى ئازايتىدۇ. ھەمدە كورېيە-چاۋشيەن ھەمكارلىشىش فوندىدىن پۇل ئاجرىتىپ مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرگە ياردەم قىلىشنى ئويلىشىدۇ.
بىرلىك مىنىستىرلىكى باياناتچىسى بۇشىيۇجى مىسال ئېلىپ مۇنداق دېدى: پۇتبول،تىكتاك توپ مۇسابىقىلىرى ھەمدە ئىككى دۆلەت تارىخ ئاسار-ئەتىقىلەرنى بىرلىشىپ قىدىرىشى كورېيە-چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە چۈشنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ناھايىتى زور پايدىسى بار.
2008-يىلى لى مىڭبو كورىيە پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كىيىن، كورېيە-چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ناچارلاشقان. كورېيە تەرەپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشنى توختاتقان.كورىيە ھۆكۈمىتى 2010-يىلى «تىيەنئەن پاراخوتى» ھادىسىدىن كىيىن چاۋشيەن ھۆكۈمىتىگە قارىتا جازالاشنى يولغا قويۇپ، كورېيە-چاۋشيەن ئىقتىساد ،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى توختاتقان.
ئالماشتۇرۇش لايىھەسى ئېلان قىلىنىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى، كورىيە ھۆكۈمىتى 5 يىلدىن بويان تۇنجى قېتىم بىر ئەلئارا تەشكىلاتنىڭ چاۋشيەنگە ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشنى تەستىقلىغان.بىراق، كورېيە تەرەپ بۇنىڭ چاۋشىيەننى جازالاشنىڭ بوشىشىنىڭ باشلىنشىدىن دېرەك بىردىغانلىقىنى ئىنكار قىلىغان.
كورېيەنىڭ بۇ لايىھەسىگە قارىتا چاۋشيەن تەرەپ ھازىرغىچە جاۋاب قايتۇرمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved